خىتاي قەشقەر ۋىلايىتىگە 50 مىڭدىن 400 مىڭغىچە مۇكاپات بىرىپ، ختاي خادىم چاقىرشنى يولغا قويدى.
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
20-ماي
ختتاي كومپارتىيسگە قاراشلىق خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاننىڭ ئاساسلىق ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان «قەشقەر ۋىلايىتى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ۋىلايەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلاشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا «2023-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، باشقا ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلاردىن 160 كىشىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان».
ختاينىڭ قەشقەرگە كۆپلەپ يېڭى خىتاي خادىم سەپلىشى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن مۇنداق دىدى:
ختاينىڭ قەشقەرگە كۆپلەپ يېڭى خىتاي خادىم سەپلىشى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن مۇنداق دىدى:
«ختاينىڭ ئۆتكەن 7 يىلدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سياستى، يۇقىرى نازارەت ۋە كونتىرۇل سستمىسى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ختاي خادىملارغىمۇ ئىغىر تەسر كۆرسەتكەن.بۇ بىرلا ۋاقىتتا مەمۇرى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئۈچ ھادسنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بىرى ئۇيغۇر مەمۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك خادىملارنىڭ ئازلششى ، ختاينىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر مەمۇرلارغا ئىشەنمەسلىك ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى ئشلىتىشنىڭ ئازلاپ بىرىشى، ختاي ئېختساسلىق خادىملار ۋە ئاققۇن نوپۇسلىرىنىڭ تارقاپ كېتىشى قاتارلىقلار. بۇ سەۋەبتىن ختاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى سومملىق ئىلھام بىرىش سياسىتى ئارقىلىق مەمۇر خادىملارنى جەلىپ قىلماقتا ۋە بۇ مەمۇرلار- ختاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن بولۇپ، ختاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ئىنىق ئەسكەرتىلگەن.بۇ ختاينىڭ ئۇيغۇرستاننى ئۇيغۇرسزلاشتۇرۇش سياسىتنڭ داۋاملىششدۇر»
ختاي خەلق تورى مۇنداق دىگەن:
«قەشقەر ۋىلايىتى كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئىختىساسلىقلار قاتلىمى تۈرى (سەرخىل ئىختىساسلىقلار، تايانچ ئىختىساسلىقلار، ياش زاپاس ئىختىساسلىقلار)گە ئاساسەن، يۇقىرىدىن تۈۋەنگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 مىڭ يۈەن، 150 مىڭ يۈەن، 50 مىڭ يۈەن بولۇپ، بەش يىلغا بۆلۈپ تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلار ئۆزى تۇرىدىغان ئۆي ياكى ئىختىساسلىقلار ياتىقى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىللىق تولۇق سوممىلىق ئىجارە ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، قەشقەردە خىزمەت قىلغىنىغا بەش يىل توشۇپ باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزى تۇرىدىغان ئۆيگە ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ ياكى ئىختىساسلىقلار قاتلىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 400 مىڭ يۈەن، 200 مىڭ يۈەن، 50 مىڭ يۈەن ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىختىساسلىقلار ئۇنۋان باھالاش، ئائىلە تەۋەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ.»
بۇنىڭدىن ختاينىڭ بارلىق تەدبىرلەرنى ئشقا سىلىپ، كونتىرۇل سياسىتنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.