زېلېنىسكى: ئەگەر خىتاي رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىسە ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلايدۇ
ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 20-فېۋرال
ئىتالىيە يەرلىك تاراتقۇسى «كەچلىك پوچتا گېزىتى» (Corriere della Sera) يېقىندا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەتتە زېلىنىسكى ئۆزىنىڭ يېقىندا خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما كونكرېت كىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
زېلىنىسكىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئۇ خىتاي رەھبىرىدىن رۇسىيەگە قورال-ياراغ ياردەم قىلماسلىقىنى ئۆتۈنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىم، بېيجىڭ دائىرىلىرى ھەق تەرەپتە تۇرۇشى كېرەك ئۇنداق بولمىغاندا دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتا ھەممىمىزگە ئايان…ئۇكرائىنا بىلەن خىتاي ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى، ئەگەر ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلسا ئىككى تەرەپنىڭ پايدا مەنپەئەتىگە زىيانلىقتۇر.»
زېلىنىسكى باشقا نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇكرائىنا تەرەپتە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئەمەلىيەتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى، ھېچبولمىغاندا رۇسىيەگە ياردەم قىلىپ قورال بىلەن تەمىنلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى قايتا قايتا تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يى توغرىسىدا خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپ ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان.