بېلگىيەدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13_يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى برۈكسېلدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13.يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بېلگىيەدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13_يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھەبىبۇللا ئىزچى

 

 

بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى برۈكسېلدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13.يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ ،نامايىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 يىلىنى خاتىرىلەش ۋە شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتىنىڭ دىگىتاللاشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى بولدى.

نامايىش برۈكسەلنىڭ مەركىزى پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن ئالبېرت دېنا مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ئورۇن شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ ئاۋات ۋە قاتناش مەركىزى بولغاچقا نامايىش باشتىن ئاخىر ناھايىتى غەلىبىلىك بېرىلغان. يولدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىسى قاتار تىزىلغان رەسىملەرگە قىزىقىپ بەس بەستە سوئاللار سوراپ،رەسىمدىكى كودنى سىكانلاپ شىنجاڭ ساقچى ئارخپى تورىغا كىرىپ ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن ئەكبەر ئەپەندى بۇ نامايىش ناھايىتى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلدى، نامايىشتا يولدىن ئۆتكەنلەر توختاپ رەسىملەرگە قىزىقىپ سوئاللار سورىدى. كودنى سىكانلاپ ساقچى ئارخپىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆردى. بەزەن كىشىلەر بىزنىڭ ۋەتەنگە بارغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋاللارنى بىلىدىغانلىقىنى، بۇ خەۋەرنى ئائىلىسىگە ۋە ئەتراپتىكىلەرگە تارقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى دەيدۇ.

ئەكبەر ئەپەندى يەنە ساقچى ئارخپىدىكى دېگىتاللاشتۇرۇلغان رەسىملەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۆنۈمى يوقۇرى بولدى، رەسىلەر ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ نىمە بولغان ئادەملەر دەپ سوراپ ،كودنى سكانلاپ تەپسىلاتىنى بىلگەندىن كېيىن بىزگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى ، بۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بىر نامايىش بولدى دەيدۇ.

 

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

5. ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايىز !

شە ئىيۇل 2 , 2022
5.ئيۇل قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ،ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاي سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىدۇر! بىز بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايىز ! ۋە بۇ قىرغىنچىلىقتا بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز ! بۇ كۈنى تانكا ئالدىدىكى تۇرسۇنگۈل ،قۇچىقىدا بالىسى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك بوۋىقىنى ئۆيىدە قويۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان تۇرسۇننىيازخان، كۆك مايكىلىق قىز دىلبەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىزۋانگۈل ۋە نۇزۇگۇم روھىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىنى ،تاجاۋۇزچىلارغا مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلىدى!

You May Like