بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 16- نويابىر
گېرمانىيە «يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى» (Welt am Sonntag) نىڭ 15- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە گېرمانىيەدىكى ھەر قايسى كۆچمە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى چوڭ شىركەتلەر خۇاۋېينىڭ 5G ئۈسكۈنىلىرىنى يادرولۇق تورىدا ئىشلىتىشتىن تەدرىجىي ۋاز كېچىدۇ.
گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ ئامېرىكا ياكى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردەك 5G ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى تور تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر ئۆزلىرى يادرولۇق تور قۇرۇلۇشىدا خۇاۋېي 5G تىخنىكىسىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى قارار قىلغان.
خەۋەردە يەنە خۇاۋېي 5G ئاساسىي پونكىتىمۇ بۇرۇنقىدەك مۇلازىمېتىر ئۆيىدىكى ئاتالمىش «يادرولۇق تور ئۈسكۈنىلىرى» گە پۈتۈنلەي تايىنىۋالماي، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىش ۋە يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
مەنبە: گېرمانىيە « يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى»