5-ئيۇل قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشلىرى ۋەخاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى.

توغراق

2009 – يىلى يۈزبەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور قانلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ ۋەقەدە ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چوماقچىلىرى ھىساپلانغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى،مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا ۋە جازا لاگىرلىرىغا ۋە مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.

This image has an empty alt attribute; its file name is image.png

5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ئادەتتكى بىر ۋەقە بولماستىن، ئەكسىچە ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئىشغالدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭمۇ ،ئۇيغۇر سىياسىتىنى كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يوقۇرى پەللىسىگە قاراپ ئۆزگۈرۈش نوقتىسى ئىدى. ئەنە شۇ 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش مەقسىدىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرى يۇقۇرى پەللىگە چىقتى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زىمىنى ھەقىقى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى، مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ زىندانلىرىدا ۋە جازا لاگىرلىرىغا قامالدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ – زارى يوقۇرى پەللىگە چىقتى!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىگە كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى چاقىرىقى قىلغان ئىدى. چاقىرىققا ئاۋازقوشقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىلمۇئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 16-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەنخىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى لەنەتلەش ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭدىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتىش ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشلىرى ۋەشەھىدلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. 

5-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن ، كارلسرۇھە ۋە فرانكفورت شەھەرلىرىدە نارازلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېنشەھرىدىكى نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى ئىشخانىسىدىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەر،مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇسرېندسپراخەر قاتارلىقلار قاتناشقاندىن باشقا يەنە مىيۇنخېننىڭ ئەڭئاۋات مەركىزى مەيدانى بولغان مارىياننا پىلاتزدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇنامايىشقا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان گېرمانىيەلىكلەر ۋەساياھەتچىلەرمۇ قاتناشقان. 

نامايىش جەريانىدا مارىياننا مەيدانىغا توپلانغان ساياھەتچىلەر نامايىش مەيدانىغا تىزىلغان تۈرمىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرى ۋە تارقىتىلغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ ئۆزلۈكىدىن نامايىشچىلارنىڭ سېپىغاقېتىلغان بولۇپ باۋارىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس ئەپەندىسۆ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛

«بۇندىن 16 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا، مىڭلىغان ئۇيغۇرشاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ئىرقچى قىرغىنچىلىققا قارشى تېنچلىق نامايىشى ئېلىپ بارغاندا قانلىق باستۇرۇلدى. بۇ قىرغىنچىلقتا 200دىن ئۇيغۇر ئۆلدى ۋە مىڭلارچە كىشى تۇتقۇن قىلىندى. ئەمما بۈگۈنگىچە بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى خىتاي ھۈكۈمىتى سېستىمىلىق ھالدا دۇنيا جامائەتچىلىكتىن يوشۇرۇپ  كەلدى». 

مىيونخېندىكى نامايىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرى ۋە تەشۋىقات ماتېرياللىرىنى كۆرمەكتە

گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە ۋە فرانكفورتتا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

؛ 7- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 16- يىللىقىنى خاتېرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ كارىلسرۇھە شەھرىدە دۇنيائۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز ئاۋاز قوشۇپ دۇنيا ئۇيغۇرقۇرۇلتىيىنىڭ كارلسرۇھەدىكى ئەزالىرى، كارلسرۇھە كىشىلىك ھوقۇقنىقوغداش تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، كارلسرۇھە ئىسلام جەمئيىتى ۋە بۇ شەھەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا قاتناشقان كارلسرۇھە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەرئىشلىرى مەسئۇلى، شەھەرلىك ھۈكمەتنىڭ كاندېدات رەئىسى ھەرقايسىتەشكىلات رەھبەرلىرى سۆزلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىيتۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كەسكىنئەيىپلىدى. نامايىشتىن خەۋەر تاپقان خىتاي دېموكراتلىرىدىن „ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش تەشكىلاتى“ نىڭ مەسئۇلى ۋەبىر قىسىم ئەزالىرىمۇ بۇ نامايىشقا قاتناشتى.  

شىۋىتسارىيە؛ شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ چاقىرىق قىلىشى بىلەن شىۋىتسارىيەنىڭ بادەن شەھرىدە، شىۋىتسارىيە ئۇيغۇرلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. 

نامايىش جەريانىدا شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى رەئىسى رىزۋانايئىلھام، گېرمان تىلىدا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانىۋە بۇ قىرغىنچلىقنىڭ ئاددىي بىر ۋەقە بولماستىن بەلكى، بۇقىرغىنچىلىقتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مىللەت سۈپىتىدە ئېلىپبېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. 

شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلىكلەرنىنامايىشچىلار بىلەن ئورتاقلىشىش بىلەن بىرگە شىۋىتسارىيەمەتبۇئاتلىرىغا 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپبەرگەن.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ؛5 – ئىيۇل شېھىدلىرىنى، جۈملىدىن شەرقىيتۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان باتۇر ئوغۇل – قىزلىرىمىزنى يات ئېتىش، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگەقارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياجامائەتچىلىكى ئالدىدا پاش قىلىش بولسا بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقانبارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋىجدانى، ئىنسانى ۋە مىللىي بۇرچىمىزدىن ئىبارەت.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى شاھىتى، ژورنالىست ھەبىبۇللا ئىزچى سۆزىدە« مۇھاجىرەت خەلقىنى بىردىنبىر قارشىلىق كۆرسۈتۈش چارىمىز بولغان نامايىشتىن توسقانلار ۋە قارشى چىققانلار شۇنى ئېسىدە چىڭتۇتۇشى كېرەككى، مۇشۇ مەيداندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن خىتايغا قارشى قىلغان نامايىشىمىز تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتىگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلكىگە بۇ ئىشغالغا، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە، بۇ زۇلۇمغا مەڭگۈ باش ئەگمەيدىغانلىقىمىزنى ۋە بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ!»، دەيدۇ. 

شىۋىتسارىيە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش، بادەن گېزىتى تەرىپىدىننامايىشتىن بۇرۇن ۋە نامايىشتىن كېيىن خەۋەر قىلىپ ئىشلەنگەن، بۇلۇپبادەن گېزىتىگە بېسىلغان خەۋەردە « جاھالەتكا قارشى تىك تۇرۇش»ناملىق بۇ خەۋەردە ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تەپسىلاتى ۋەبۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان. 

بېلگيەدە

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، بېلگىيە پايتەختىبېريۇسسېلدا 5- قىرغىنچىلقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق ناماىيىشى ئېلىپ بېرىلغان. نامايىش جەريانىدا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى شەرقىيتۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن تەشۋىقاترەسىملىرى ۋە تەشۋىقات ماتېرياللىرى تارقاتقان.

گوللاندىيەدە: گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامېستېردام پويىز ئىستانسىسى مەركىزى مەيداندا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. 

شىۋىتسىيەدە؛ «شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقى» ۋە «5-ئىيۇل»ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقىنىڭ 16يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋىتسىيە ئۇيغۇربىرلىكىنىڭ تەشكىللىشىدە  29ـ ئىيۇن كۇنى شىۋىتسىيە ئۇيغۇربىرلىكى تەشكىلات ئىشخانىسىدا ، بىرلىك ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشىدا  «26ـ ئىيۇن»شاۋگۈەنقىرغىنچىلىقى» ۋە «5ـ ئىيۇل» ئۈرۈمچىقىرغىنچىلىقىنىڭ 16-يىللىقى خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

پائالىيەت جەريانىدا، شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا  شاھىت بولغان ۋە قىرغىنچىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر  ئوزلىرنىڭ كورگەن ۋەئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاينىڭ ئېلىپ بارغان بۇقانلىق قىرغىنچىلىقىنى يېڭى نەسىللەرگە ۋە باشقا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئاڭلاتقان.

نورۋېگىيەدە: نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرپارلامېنت بىناسى ئالدىدا 6-ئىيۇل كۈنى ، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ16-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش نارازىلىق نامايىشى ئېلىپبارغان. 

ئامېرىكىدا؛ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا ئۇيغۇربىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە،ئامېرىكىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇرقۇرۇلتىيى ئالىي مەسلىھەتچىسى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتېتۇتى دېرىكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ، ئامېرىكا ئۇيغۇربىرلەشمىسى رەئسىسى ئەلپىدار ئىلتەبىر ۋە ۋاشىنگىتوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان. 

كانادادا:  كانادا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادانىڭ تورونتودا كانادا شەرقىيتۈركىستان جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، كالبېررى دا ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.

ئاۋۇسترالىيەدە ؛ ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى تەرىپىدىن 5-ئىيۇلئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. 

ياپونىيەدە؛ ياپونىيە پايتەختى توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىتەرىپىدىن 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشقا توكيودا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن 50 دىن جىق كىشى كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار جاراڭلىق شۇئارلىرىبىلەن توكيو كوچىلرىنى لەرزىگە سالغان .

تۈركىيەدە: تۈركىيەدىكى ھەر قايىس تەشكىلاتلار 5- ئىيۇل ئۈرۈمچىقىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سارىيەردىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارغان. شۇنداقلا ئىستانبۇلدا 5- ئىيۇلئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. 

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە؛

د ئۇق نىڭ قازاقستان ۋەكىللىرى 5-ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىداقەھرىمانلارچە  شېھىد بولغان قېرىنداشلارنىڭ روھلىرىغا ئاتاپ ئالمۇتاشەھىرىدە نەزىر ئۆتكۈزۈپ، شېھىدلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئوقۇغان. پائالىيەتكە ئالمۇتا شەھىرىدىكى مىللەتپەرۋەر ئىنسانلار، يىگىت باشلىرى ۋە ئالمۇتا ئۇيغۇرلىرى قاتناشقان. 

بۇ نەزىر پائالىيىتىدە سۆز قىلغان سىياسەتشۇناس، د ئۇق نىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ، ئۇستاز قەھرىمان غوجامبەردى سۆز قىلىپ، 2009 يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ – چىقىش تارىخىنى، ئاقىۋىتىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئورنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. 

قىرغىزىستاندا؛ قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالائابات شەھەرلىرىدە شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۈرۈمچى 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ۋە دۇئا تىلاۋەت ئۆتكۈزۈشكەن. 

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like