46 نەپەر خىتاي ئۆكتىچى زاتلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرىشىنى ئاشكارا قوللىدى!
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،ۋاشنگىتون!
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
31-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى 46 نەپەر ختتاي ئۆكتىچى زات ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى ئەيىپلەپ بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسى زىيانكەشلىكىنى توختىتىشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭغا بېسم چۈشۈرۈشكە،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى رايونغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە چاقىردى.
ۋاڭدەن،خۇپىڭ،تېڭبىياۋ قاتارلىق 46 نەپەر ختتاي ئۆكتىچى بىرلەشمە ئىمزا قويغان چاقىرىقنامىدە دېيىلىشىچە،كۆپلىگەن مەنبەلەردىن ئېرشىمىزچە ،شەرقى تۈركستاندا (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) ئىنساننى شۈركەندۈرىدىغان ئىنسانى ھوقۇق ئاپەتلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ:«ختتاي كوممۇنستىك پارتىيىسى دائىرىلىرى ش ئۇ ئا ر دا ناھايىتى كۆپ ساندا سياسى قايتا تەربىيە لاگىرلىرىنى قۇرۇپ ،ھىچقاندان قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا ئادەم تۇتۇپ،جسمانىي ھوقۇقىنى تالان-تاراج قىلغان .
چاقىرىقنامىدە مۇنداق دېيىلگەن:قايتا تەربىيە مەركەزلىرىدە خورلاش ۋە جسمانىي جازا ئومۇملاشقان بولۇپ،خورلاش ۋە جازالاش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر كەلمەكتە.ئۆلۈمى ئسپاتلانغانلاردىن بىرى،مەشھۇر ئۇيغۇر ئسلام ئالىمى ،ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان نەشردىكى <<قۇرئان كەرىم>>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى مۇھەممەد سالىھ ھاجى ،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي ئۇنۋېرستىتنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاپىسى قاتارلىقلار بار.ئاتا-ئانىسى تۈرمىگە قالغانلىقتىن ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىسىز قالغان بالىلار شارائىتى ناچار،تار-قسىتاڭ بولغان يېتىمخانىلارغا سولانغان.
ختتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن ئستاستىكىغا ئاساسلانغاندا،رايوندا 2017-يىلى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 227مىڭ بولۇپ،2016-يىلدىكى 27 مىڭدىن سەككىز ھەسسە ئېشپ كەتكەن.2017-يىلى رايوندا جىنايى جازا بىلەن قولغا ئئېلىنغانلار پۈتۈن خىتايدىكى ئوخشاش كىشلەرنىڭ 21 %نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ،شەرقى تۈركستان نوپۇسى ئومۇمى ختتاي نوپۇسىنىڭ ئاران 1.5 %نى ئىگەللەيدۇ.
چاقىرىقنامىدە مۇنداق دېيىلگەن :ئۇيغۇرلار ھازىر بىر مەيدان مەۋجۇتلۇق كىرزىسگە دۇچ كەلمەكتە.«بۇنچە قاتتىق ئىنسانى ھوقۇق كىرىزىسى ئالدىدا ،بارلىق ئىنسانى قىممەت قاراشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ«
چاقىرىقنامىدە مۇنداق دېيىلگەن :«ختتاي كوممۇنستىك دائىرىلىرى بىر قوللۇق پىلانلىغان ياۋايى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ،كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سياسى زىيانكەشلىكىنى توختىتىشقا ،سياسى تەربىيە لاگىرلىرىنى تاقاپ،ئىلھام توختى ۋە غەيرەت نىياز قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بىرىشكە چاقىرىمىز .
چاقىرىقنامىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھوقۇقى ئۈچۈن سۆز قىلىشقا چاقىرىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن ختتاي كومپارتىيىسگە بېسم چۈشۈرۈشىنى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىشنى ،ختتاي كومپارتىيىسنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىشىنى تەلەپ قىلدى.
بېيجىڭ باھارى باش مۇھەرىرى خۇپىڭ ئەپەندى مۇنداق دىدى:«بۇ چاقىرىق چەتئەلدىكى دىموكراتىك ھەرىكەت ۋە باشقا زاتلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە ئۇيغۇرلار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسى ھوقۇق كۆرىشى ئاشكارا قوللىشى ھېسابلىنىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە:ئامېرىكا ئاۋازى ختتايچە قانىلى
https://www.voachinese.com/a/rubio-xinjiang-20180810/4523781.html