2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئورگانلىرىغا بېرىلدى

2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئورگانلىرىغا بېرىلدى

2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئورگانلىرىغا بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 07-ئۆكتەبىر

7-ئۆكتەبىر نورۋېگىيە «نوبېل مۇكاپاتى» باھالاش ھەيئەتلىكى بۇ يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ بېلارۇسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ئالېس بىيالىياتىسكى Ales Bialiatsk غا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا رۇسىيەدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات «خاتىرە ساراي» ۋە  « ئۇكرائىنا پۇقرالار ئەركىنلىك مەركىزى» قاتارلىق ئىككى ئورگانغىمۇ بۇ يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» بېرىلدى.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، مۇكاپات ساھىبى ئالېس بىيالىياتىسكى بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بېلارۇسىيە تۈرمىسىگە قامالغان. ئۇ ئىلگىرى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

«نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» 1901-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى ئاساسلىقى دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشقان، ئۆز مىللىتى، دۆلىتى ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان، تۈرمىلەرگە قامالغان، ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە تارقىتىلىدۇ. مەزكۇر مۇكاپات 1989-يىلى سۈرگۈندىكى تىبەت داھىيسى دالاي لاماغا،  2010-يىلى خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شىياۋبوغا بېرىلگەن.

«نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ 120يىلدىن ئارتۇق تارىخىدا ئۇيغۇرلاردىن رابىيە قادىر خانىم بەش قېتىم(2005، 2006، 2007، 2009، 2010)، قاماقتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىم بىر قېتىم (2019) نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. ئەمما دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي دىكتاتور خىتايغا قارشى بويۇن ئەگمەي ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئەڭ زور بەدەللەرنى تۆلەپ، كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئاتالمىش «تىنچلىق» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىرىنىڭمۇ چىقىپ باقمىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەت، «نوبېل مۇكاپاتى» جۈملىدىن دۇنيا تارىخىدىكى بىر نومۇستۇر!

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ختتاي ب د ت دىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى غەلبسنى تەبرىكلىدى،ئۆزىنى قوللىغان ئۆزبېكستان،قازاقستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئىيتتى.

جۈ ئۆكتەبىر 7 , 2022
دۇنيانىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق ئىپلاس،قانخور،جاللات دۆلىتى، ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى بۈگۈن بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى: بۈگۈن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۆزى ئوچۇق بولۇپ،ئامېرىكا-ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئۇزۇن مۇددەت پىلانلاپ،جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ئۈچۈن شنجاڭ كىشلىك ھوقۇق مەسلىسنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،يالغانچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەغلۇپ بولدى، كەڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئىزچىل جۇڭگونى قوللىدى، بۇ جۇڭگونىڭ شنجاڭ سياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرستىدۇ ،ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ »دىدى.

You May Like