كانادا تاراتقۇسى CBC News قانىلىنىڭ بازار(MARKETPLACE) پروگراممىسى 29-ئۆكتەبىر مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ كانادا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر قىيامىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان.

تۈركىيە ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ « ئاممىۋى تەرتىپكە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە توسالغۇ پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار » دەپ  قارىلىپ، ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى ئۇلارنى ساراسىمىگە سالدى.

قازاقستاننىڭ ئالماتا ئوبلاستى پەنجىمدە ئۇيغۇر-قازاق توقۇنۇشى پارتىلىدى.ئۇيغۇرلار يارىلاندى.ئۇيغۇر رايونى نامى ئۆزگەرتىلەمدۇ؟

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاشقۇن» تەشكىلاتلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگراسى يېنىغا تاجىكىستان ساقچىلىرى ئۈچۈن بازا سېلىپ بەرمەكچى بولغان.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ پايتەختى باندارى سەرى بەگاۋاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 39 قېتىملىق «شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر كۆرۈشۈشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك «جەڭ» مەيدانىغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە تىركىشىش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇلغان زىددىيەتلىك پىكىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.