مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يېغىنغا قاتنىشش – قاتناشماسلىقى ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى قوللاپ كەلگەن رەزىلىك ماھىيتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار دوپپا مەدەنيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، خىتايغا نارازلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان 5- ماي كۈنى توردا تارقالغان «خيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم مۇسابىقىسى ھەققىدىكى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلىشپ ئۆتكۈزگەن پائالىيتى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك خەلقى ئارسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

ئېيى پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى سەرۋەت ھالى خانىم: «زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەبرىكلىيەلمىگەن، 2009- يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئارزۇسى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ھۆرلىكىنى تەبرىكلەيدىغان كۈنلەر يېقىندۇر.

فوكس تېلېۋزىيەسى خەۋەرلىرى داڭلىق مۇخبىرى بىنجامىن خال تۋىتتېردا دوپپا بايرىمىغا ئائىت رەسمنى ئورتاقلىشپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقاندا، بۇنداق بىر كۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەش، قوللاش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ بۈگۈن تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر كۈندە كەلگەن، خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك تەبرىكلىنەلمىگەن دوپپا بايرىمىنى، ئەركىن تەبرىكلەيدىغان كۈنلىرىنىڭ كېلىشنى تىلەش بىلەن تەبرىكلەيمەن.

دوپپا بايرىمىنى قوللاپ، تۇنجى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇستازلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار ۋاپات بولدى. ئابدۇبەسر شۇكۇرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، راھىلە داۋۇت قاتارلىقلار خىتاي تۈرمىسدە؛

ياۋروپا پارلامېنتى ئىجرائىيە مۇئاۋىن ئەمەلدارى ۋالدىس دومبروۋسىكىس(Valdis Dombrovskis) 4-ماي سەيشەنبە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيانقى ياۋروپا – خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسىرى يىرىكلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەبلەغ كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بېلىنكىن ساھىپخان دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاپ بىلەن كۆرۈشتى. ئېلان قىلىنغان باياناتتا دىيېلىشچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە خىتاينىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسگە خىلاپلىق قىلىشغا يول قويمايدۇ .خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدۇ.

4-ماي سەيشەنبە سائەت 12دىن باشلاپ بېلگىيە پايتەختى بريۇسېلدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار، پارلامېنت بىنالىرى ئورتاق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تور مۇلازىمەت سۇپىسى Belnet كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بېلگىيە <<ئەركىن>>(La Libre ) گېزىتىنىڭ شۇ كۈنلۈك خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك پارلامېنتتىكى ئېچىلماقچى بولغان بارلىق يىغىنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە شۇ كۈنى ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇك قادىرى تەرپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «كۆكتۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» (GÖKTÜRKLERDEN GELEN JAPON DİLİ) ناملىق 686 بەتلىك ئاكادېمىيىلىك ئەسەر تۈركىيە سونكاگ نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.

ئامېرىكا يەھۇدىيلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولغان يەھۇدىي ئاممىۋى ئىشلار كونسۇلى (The Jewish Concil For Public Affairs) چوڭ قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. مەركۇز تەشكىلات يەھۇدىلارنىڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىلەشمىسى بولۇپ، يەھۇدي تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ تەسرى زور.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى باياناتچىسى ۋۇشىيەندا 29- ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بېرى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ خىتاي دېڭىزى ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىرى ئوخشاش يىلدىكىدىن %20، جاسوسلۇق ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتى%40 ئاشقان. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ،ختتاي تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ.»

ئەركىن ئاسىيا خىتايچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 24-مارت قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە خىتاينىڭ <<بىر بەلۋاغ بىر يول>> پىلانىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.