گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بلىنكېن(Antony Blinken) شۇ جاي ۋاقتى 23-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى بېرلىندا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ» (شەرقى تۈركىستان\ ئۇيغۇرىستان. ت) رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئالماسلىققا ۋە ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى.