بۈگۈن تالاش-تارتىشتىكى ناگورنو-قاراباغ رايونى سەۋەبىدىن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدا ئۇرۇش پارتىلىدى. ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنى دۈشمەنلىك ھەرىكىتى قوزغىدى، دەپ ئەيىبلەشتى. ئىككى تەرەپ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى دوكلات قىلدى، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئەزەربەيجان ھەربىي تىك ئۇچارى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

ئىستانبۇلدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئائىلىسى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ياشلار بۈگۈن يەنە يېڭىچە بىر پائالىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى بۈگۈن (26- سىنتەبىر) تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە غەلىبىلىك ئېچىلدى.

25-سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇرغا ئادالەت تەشكىلاتى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ياۋرۇپا يەھۇدى ئوقۇچىلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا كىرىپ قالغان تۈركىيەگە نىسبەتەن، بېيجىڭ تەمىنلىگەن غايەت زور مەبلەغ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ (ت-شەرقىي تۈركىستان) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. «فرانكفورت ئوبزورى» گېزىتى «ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ تۈركىيەگە زور كۆلەمدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (Australian Strategic Policy Institute, ASPI) نىڭ يېڭى تەتقىقاتى خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى داۋاملىق قۇرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ASPI نىڭ قارىشىچە، بۇ يېڭىدىن سېلىنغان تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ئاساسلىقى يۇقىرى دەرىجىدە قوغدىلىشچانلىققا ئىگە «تۈرمە ئۇسلۇبى» دىكى مۇئەسسەسەلەر ئىكەن.

فرانسيە پرېزدېنتى ماكرون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستانغا بىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

فىرانسيە لىبەرتى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،21-سىنتەبىر كېچىدە پارىژشەھىرىدىكى بىرگۇرۇپ فېمىنىست (ئاياللار ھوقۇقۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى)قىزلار ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ،Zara,Uniqlo,Appleقاتارلىق جازالاگىرلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان 20دىن ئارتۇق دۇكاننىڭ ئالدىغا «بۇيەردە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىۋاتىمىز»دېگەن لوزۇنكىلارنى يېزىشقان

ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئادوۋكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومسسارى، ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» قاتارىغا تاللانغان

دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «سىياسىي سەھنەدىكى زاكىروفلار» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 2-تومىدۇر.

دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 1-تومىدۇر.

2020-9-18 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاينىڭ «خەلىق گېزىتى »خەۋىرىدە دىيىلىشىچە ،گوۋۇيۈەن ئۇچۇر ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىخەتەرلىكى »ناملىق ئاق تاشلىق كىتاپنى ئېلان قىلغان

ۋاشىنگتون: ھېندىستاننىڭ ئانچە بىلىنمىگەن بىر سىرلىق تىبەت قوشۇنى 58 يىل «سۈكۈتتە» تۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن كىشىلەر ئالدىدا پەيدا بولدى. ھېندىستاندىكى بىر تىبەت پائالىيەتچى ئاساسلىقى تىبەتلەردىن تەركىب تاپقان بۇ خىل قوشۇننىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۈرگۈندىكى تىبەتلىكلەرنىڭ تىبەتكە قايتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نانسىي پېلوسى جۈمە (18- سىنتەبىر) كۈنى مۇنداق دېدى: پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر ھەپتە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىگە قاراپ چىقىدۇ

ئامېرىكا سودا منستىرلىكى بۈگۈن بايانات بېرىپ، يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ تىك توك ۋە ئۈندىدار ئەپلىرىنى ئامېرىكىدا چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان قېرىنداشلار گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۆزىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋاقتى، تۇرۇۋاتقان دۆلىتى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى، گۇۋاھلىقنىڭ مەزمۇنى، گۇۋاھلىق مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدىغان كىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋاقتى، بۇ گۇۋاھلىققا تۈرتكە بولغان ئىچكى – تاشقى ئامىل، بۇ گۇۋاھلىقتا مەسئۇل تۇتۇشقا تېگىشلىك شەخىس/ئورگان/ ھۆكۈمەت/ پارتىيە/( جاۋابكار) دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۈتۈدىغانلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويسا گۇۋاھلىقنىڭ ئىسپاتلىق قىممىتى تېخىمۇ ئېشىشى، مۇخبىرلارنى جەلپ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.