30دىكابىر كۈنى فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپ كىشىلەر تۈركىيەنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق نامائىشى قىلدى. خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك نامائىش ئادەم سانىغا چەك قويۇلغانلىقىدىن نامايىشقا يىگىرمە ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

22- دېكابىر تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي لاگېر ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان نەچچە ئون ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلى ئالدىغا توپلىشپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان. ئېلان قىلىنغان ۋىدېئولاردىن قارىغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى كونسۇل جايلاشقان كوچا ئوتتۇرىسىغا توساق توسۇپ، بۇ ياشلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ياشلار قوللىرىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتېتى 30- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىنتېرنېت ھەرخىل شەكىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىريەرگە يىغىش، بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش، كىشىلەرنى ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش، كىشلەرنى كىشلەرگە، كىشىلەرنى ئۇچۇرلارغا باغلاپ ئۆزئارا ئالاقە شەكىللەندۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان تېخنىكىلىق ئاساس بولۇپ، بۇ ئاساسقا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇلاردىن ئەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىۋاتقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دەپ ئاتىلىۋاتقان فەيسبۇك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش فۇنكىسىيەگە ئىگە ۋاستىلەردۇر.

‏‎‎يەرشارى بىرلەشمە گەۋدىسى خىتاي COSCO ترانسپورتى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئەڭ ئاۋات ترانسىپورت مەركىزىگە ئايلانغان گرېتسىيەنىڭ پىراۋۇس پورتىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.

مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان ئادالەت سارىيىدا تۈركىيەدىكى خىتاينىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغو پېرىنچەككە ھېچقانداق دەلىلسىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا تۆھمەت چاپلىغانلىقى ئۈچۈن سوت ئېچىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي رېجىمىنىڭ تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا سەككىز كۈندىن خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا بىگۇناھ سولانغان تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش مەقسىتىدە ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن ياشلارنىڭ پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

كېينكى يىللاردا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ مىسلىسىز كۈچىيىشى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئالاقسىنىڭ ئۈزۈۋىتىلىشى تۈپەيلى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ سانى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆلەملەشتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقانلار خېلىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى ۋە ياخو ھىندىستان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 25- دېكابىر ئافغانستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كابۇلدا 10 نەپەر «خىتاي پۇقراسى» نى «جاسۇسلۇق ۋە تېروررىزم» جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. بۇ 10 نەپەر خىتاي پۇقراسى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى (ئەنچۈەن ) خادىملىرى ئىكەن.

فرانسيە خەلقئارا رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، شۇ يەر ۋاقتى 23- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، فرانسيە تاشقى سودا مىنىستىرى فرانك رىيستېر(Franck Riester) مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىز ھازىرغىچە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە يېتەرلىك ۋەدىسنى ئالمىدۇق. ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسدە ئىلگىرىلەش بولمايدىكەن پارىژ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمزالىغان كېلىشىمنى قوللىمايدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو (ئۇيغۇرچە ئىسمى مەمەت پولات) 23- دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكى خەلقئارا ئادالەت بۆلۈمى، ئاسيا – خىتاي بۆلۈمى، ئىنسان ھەقلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىنگەن پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قانۇنىي، ئىلمىي ئاساستا يەكۈن چىقىرىشقا بۇيرۇغان. بۇ دېلو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت نامىدىن بىجىرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 23-دىكابىر، ۋاشنگىتون ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منېسترلىكىنىڭ دۇنياغا ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرى ۋە سياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئاخبارات ۋاستىسىبولغان «ئامېرىكا ئورتاقلىشش »تور ېبكىتى 15-دىكابىردىن 20-دىكابىرغىچە ئىنگىلىزچە ۋە ختتايچە تور بېكەتلىرىدە،ئامېرىكىدىكى ئ‍ۇيغۇررستۇرانلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە مىھماندوسلۇقى بىلەن باشقا خەلقلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى بىلدۇرۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ختتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋىيبو ۋە تېۇتتردىكى ختتايچە ھساۋاتىدا:ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنييتى ئارقىلىق دۇچ كىلىۋاتقانكىرزىسنى تونۇشتۇرىدۇ دىگەن مەزمۇندا مەزكۇر ئۇيغۇر رستۇرانلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس مەزمۇننى ئورتاقلاشقان بولۇپ،كۇچلۇكغۇلغۇلا قوزغىغان. ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منېسترلىكىنىڭ دۇنياغا ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرى ۋە سياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئاخبارات ۋاستىسىبولغان «ئامېرىكا ئورتاقلىشش »تور ېبكىتى 15-دىكابىردىن 20-دىكابىرغىچە ئىنگىلىزچە ۋە ختتايچە تور بېكەتلىرىدە،ئامېرىكىدىكى ئ‍ۇيغۇررستۇرانلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە مىھماندوسلۇقى بىلەن باشقا خەلقلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىبىلدۇرۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ختتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋىيبو ۋە تېۇتتردىكى ختتايچە ھساۋاتىدا:ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنييتى ئارقىلىق دۇچ كىلىۋاتقانكىرزىسنى تونۇشتۇرىدۇ دىگەن مەزمۇندا مەزكۇر ئۇيغۇر رستۇرانلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس مەزمۇننى ئورتاقلاشقان بولۇپ،كۇچلۇكغۇلغۇلا قوزغىغان. مەزكۇر تور بېكەتتە بىلدۇرۇلۈشىچە، لوس ئانجىلستىكى دولان رستۇرانىدا، خىزمەتچىلەر مايكىلىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئۇيغۇرلارنى گۇگىلقىلىڭ »،ئارقا تەرىپىگە «لاگىرلارنى توختات»سۆزلىرى يېزىلغان قارا مايكىلارنى كېيۋالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەت كىيمى خىرىدارلاربىلەن سۆھبەت ئۆتكۇزۇشكە سەۋەب بولىدىكەن. ئەركىن 2015-يىلى جەنۇبى كالىفورنيە ئۇنېۋرستىتىغا ئاسپرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ،2019-يىلى رستۇران ئاچقان،ئۇ 2017-يىلدىن بىرى يۇرتىغا قايتىپ باقمىغان. ئەركىننىڭ دەپ بىرىشچە،ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بارغاندا،ساقچىلار ئۇنىڭ قان پىلازمسنى ئالغان،ئاۋازىنى خاتىرىلىگەن،رەسمگە تارتىۋالغانۋە ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىنى سورىغان.بىر نەچچە ئايدىن كىين ختتاي ئۇنىڭ دادسنى،دوسلىرىنى ۋە باشقا تۇققانلىرىنى تۈرمىگەتاشلىغان.ئەركىن مۇنداق دىگەن:«بۇلار مىنى ھەقىقەتەن قاتتىق ئازاپلايدۇ، چۇنكى ئۇلار ناھايتى ياخشى تەربىيە كۆرگەن ، مۇقىم خىزمىتىبار كىشلەر ئىدى،ئۇلار بىگۇناھ كىشلەر بولۇپ، ھىچقانداق جىنايەت ئۆتكۇزمىگەنىدى» مەزكۇر ماقالىدە،ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى «ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركستاندا مىڭ يىللاردىن بىرى ياشاپ كەلگەن بولۇپ،1949-يىلىكوممۇنست ختاي بېسۋالغاندىن كىين،بۇ يەرنىڭ ئ‍سمىنى يېڭى تىرىتورىيە مەنىسدىكى شنجاڭغا ئۆزگەرتكەن »دەپ يازغان. ئەركىننىڭ دىيشچە،«ئۇيغۇرلار لەغمەنسز ياشيالمايدۇ». مەزكۇر تور بېكەتتە دىيشلىچە، ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونىدىكى دولان ئاشخانىسنىڭ ئىگىسى خەمىت كەرىم ئۆزىنىڭ ئاشخانىسنىئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ئامېرىكىلىقلىرىغا بىلدۇرىدىغان سەھنە قىلغان.خىرىدارلار ئۇيغۇر تامىقى ۋە بۇ تاماقلارنىڭ كىلىشمەنبەسى ھەققىدە سورىغاندا،خەمىت جاۋابەن :مەن ۋاقتى ۋە سەۋر-ئوتاقىتى بار كىشلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يوللاپبىرىمەن،ئۆزىمىز ھەققىدە قسقىچە تونۇشتۇرىمەن -دىگەن. خەمىت بۇرۇن رستۇرانچى ئەمەس ئىدى،ئۇ 2016-يىلى ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۇپ كەلگەن ،ئۇ بۇرۇن خەلقئاراسودا شركىتيى ئاچقان بولۇپ،2017-يىلى ئۈرۈمچىگە شركىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش  ئۈچۈن بارغان ،ئەمما ئۆزىنىڭ تۈرمىگە سولىنىدىغانقارا تېزىملىكتىكى كىشلەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىين،ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.ئۇ شۇ چاغدا ئاپىسغا بىر ئىغىز خوشمۇدىيەلمىگەن،كىين ئۇ ختتاينىڭ ئۆز شركىتىنىڭ 15 تارمىقىنى دۆلەت ئىلكىگە ئىلىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.ئۇ ئامېرىكىدا 2018-يىلى ھازىرقىرستۇراننى بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئىگىلىرىدىن سېتىۋلغان. خەمىت مۇنداق دىگەن: مەن ئۆزۇمنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدەك ئەركىن دۆلەتتە ياشاش پۇرستىگە ئېرشەلىگەن بىر بەختلىك كىشى دەپقارايمەن. مەزكۇر تور بېكەتتە بىلدۇرۇلۈشىچە، لوس ئانجىلستىكى دولان رستۇرانىدا، خىزمەتچىلەر مايكىلىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئۇيغۇرلارنى گۇگىلقىلىڭ »،ئارقا تەرىپىگە «لاگىرلارنى توختات»سۆزلىرى يېزىلغان قارا مايكىلارنى كېيۋالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەت كىيمى خىرىدارلاربىلەن سۆھبەت ئۆتكۇزۇشكە سەۋەب بولىدىكەن. ئەركىن 2015-يىلى جەنۇبى كالىفورنيە ئۇنېۋرستىتىغا ئاسپرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ،2019-يىلى رستۇران ئاچقان،ئۇ 2017-يىلدىن بىرى يۇرتىغا قايتىپ باقمىغان. ئەركىننىڭ دەپ بىرىشچە،ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بارغاندا،ساقچىلار ئۇنىڭ قان پىلازمسنى ئالغان،ئاۋازىنى خاتىرىلىگەن،رەسمگە تارتىۋالغانۋە ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىنى سورىغان.بىر نەچچە ئايدىن كىين ختتاي ئۇنىڭ دادسنى،دوسلىرىنى ۋە باشقا تۇققانلىرىنى تۈرمىگەتاشلىغان.ئەركىن مۇنداق دىگەن:«بۇلار مىنى ھەقىقەتەن قاتتىق ئازاپلايدۇ، چۇنكى ئۇلار ناھايتى ياخشى تەربىيە كۆرگەن ، مۇقىم خىزمىتىبار كىشلەر ئىدى،ئۇلار بىگۇناھ كىشلەر بولۇپ، ھىچقانداق جىنايەت ئۆتكۇزمىگەنىدى» مەزكۇر ماقالىدە،ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى «ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركستاندا مىڭ يىللاردىن بىرى ياشاپ كەلگەن بولۇپ،1949-يىلىكوممۇنست ختاي بېسۋالغاندىن كىين،بۇ يەرنىڭ ئ‍سمىنى يېڭى تىرىتورىيە مەنىسدىكى شنجاڭغا ئۆزگەرتكەن »دەپ يازغان. ئەركىننىڭ دىيشچە،«ئۇيغۇرلار لەغمەنسز ياشيالمايدۇ». مەزكۇر تور بېكەتتە دىيشلىچە، ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونىدىكى دولان ئاشخانىسنىڭ ئىگىسى خەمىت كەرىم ئۆزىنىڭ ئاشخانىسنىئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ئامېرىكىلىقلىرىغا بىلدۇرىدىغان سەھنە قىلغان.خىرىدارلار ئۇيغۇر تامىقى ۋە بۇ تاماقلارنىڭ كىلىشمەنبەسى ھەققىدە سورىغاندا،خەمىت جاۋابەن :مەن ۋاقتى ۋە سەۋر-تاقىتى بار كىشلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يوللاپبىرىمەن،ئۆزىمىز ھەققىدە قسقىچە تونۇشتۇرىمەن -دىگەن. خەمىت بۇرۇن رستۇرانچى ئەمەس ئىدى،ئۇ 2016-يىلى ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۇپ كەلگەن ،ئۇ بۇرۇن خەلقئاراسودا شركىتيى ئاچقان بولۇپ،2017-يىلى ئۈرۈمچىگە شركىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش  ئۈچۈن بارغان ،ئەمما ئۆزىنىڭ تۈرمىگە سولىنىدىغانقارا تېزىملىكتىكى كىشلەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىين،ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.ئۇ شۇ چاغدا ئاپىسغا بىر ئىغىز خوشمۇدىيەلمىگەن،كىين ئۇ ختتاينىڭ ئۆز شركىتىنىڭ 15 تارمىقىنى دۆلەت ئىلكىگە ئىلىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.ئۇ ئامېرىكىدا 2018-يىلى ھازىرقىرستۇراننى بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئىگىلىرىدىن سېتىۋلغان. خەمىت مۇنداق دىگەن: مەن ئۆزۇمنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدەك ئەركىن دۆلەتتە ياشاش پۇرستىگە ئېرشەلىگەن بىر بەختلىك كىشى دەپقارايمەن.

ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلاربىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا دۇنيادىكى نەچچە مىڭ يەھۇدىي قاتناشتى. يىغىنغا ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ختتاينىڭ ھۆكۈمەت تورى-خەلق تورى ئاشكارىلىشچە، شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇر تۇپرىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل60 مىليون 100توننا سۇيۇق نېفىت، 30 مىليارد 159 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، نېفىت-گاز ئېكۋىۋالېنتى 30 مىليون31 مىڭ 200 توننىغا يەتتى. بۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ 30 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك-گازلىق ۋە 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ گازلىقرايونىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ،ختتاينىڭ نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىز باسما رايونغا ئايلانغانلىقىدىندېرەك بېرىدىكەن..

ختتاي كوممۇنستڭ پارتىيسنىڭ بىر ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى بىلەن ئۆتكۇزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارغاقاراتقان باستۇرۇش سياسىتىنى يېنىكلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئافراسياپ21-دېكابىر، ۋاشىنگتون ئەلجەزىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،57 نەپەر ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىرلەشمىسى بولغان خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتى بۇرۇن پەلەستىن ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنى، كەشمىر ئۈچۈن ھىندىستاننى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئالىم ئۆمەر سۇلايمان مۇنداق دېدى: «شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي مۇسۇلمان […]

ئىلاۋە:ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدا تاريخى مەۋجۇتلۇق كىرزىسدە تۇرىۋاتىمىز، بىرلىككە كەلگەن سياسى ئاپپارات يوق، كۇچلەر تارقاق، ئېقتسادى ئاساسى ئاجىز، بۇنداق بىر پەيتتە ئۆزىمىزنى قانداق كۇچلەندۇرىمىز؟ قەد كۆتۇرۇشمىز ئۇچۇن نىمە لازىم؟ دىگەن تېمىلار ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرى، ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى توپلىرىدا ئاممىباب مۇنازىرە قوزغىدۇق، ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. پىكرى ئ‍ۆزىگە مەنسۇپ. ئىنتىرنىتقا يوللانغاندىن كېين قوشۇلغان مۇنازىرلەرنى داۋاملىق قسملارغا بۆلۈپ كۆپچىلىككە سۇنىمىز.

دۈشەنبە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ 2017- يىلى روسيەدىن سېتىۋالغان مۇداپىئە سىستېمىسى سەۋەبلىك تۈركىيە مۇداپىئە قىسمى ۋە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارغا قارشى جازا ئېلان قىلدى.