پرېزىدېنت ترامپ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە كۆپ قېتىم قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىپ ، سايلامنىڭ نەتىجىسىگە جەڭ ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ دەۋالار بايدىننىڭ غەلىبىسىنى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

سايلام كۈنىنىڭ كەم دېگەندە بىر ياخشى نەتىجىسى بولىدۇ: كىم غەلىبە قىلسا، كوممۇنىست خىتتاي ئۇتتۇرىدۇ. ھەر ئىككىسى كوممۇنىست دۆلىتىگە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا ۋەدە بەردى.

ئىزاھات: مەزكۇر ماقالە داڭلىق سىياسەت ژورنىلى « تاشقى سىياسەت»دە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە يازغۇچىلار دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، شۇنداقلا ئاپتورلاردىن پائۇل خەنىل ئىلگىرى سابىق پىرىزدىنت بۇش ۋە ئوباما مەزگىلىدە ئاقساراينىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرىكتورى بولغان. مەزكۇر ماقالە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆزىتىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى. ئاگىنتلىقنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

بايدىن سايلامدا غەلبە قىلدى، ئۇ شى جىنپىڭ باشقۇرىدىغان كۈچلۈك خىتتايغا دۇچ كەلدى. بايدېننىڭ خىتتاي سىياسىتى ئۇنىڭ تەشۋىقات سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا ئېنىق بولمىغاچ، نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولدى. ۋاقتى توشقان پرېزىدېنت ترامپ بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان پرېزىدېنت دەپ قارىلىدۇ. فرانسىيە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ۋالېرىي نىكېت تىرامپنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: خىتتاي ئالدىدا، تىرامپ قاتتىق قول بولۇشقا جۈرئەت قىلدى! ئۇ مۇمكىن بولمايدىغان «تىنچ تەدرىجى دىموكراتىيە» خام خىيالىنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. بۇ ئالىم ھەتتا

ناگورنو-قاراباغدا ھەربىي توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. ئايرىلىش رايونىدىكى ئەمەلىي ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ھەر ئىككى دۆلەت ئارمىيسى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان ئەھۋاللار كۆرۇلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنى ئ‍ۆز پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان دەپ ئەيىپلىمەكتە.

ياۋروپا ئېتتپاقى جازالاش تەستىقلانغان بېلورۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئالېكساندىر لۇكاشېنكو 15 ئادەم تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

ئىلگىرى كىشىلەر بايدېننى كۆپىنچە ئوبامانىڭ ياردەمچىسى دەپ قارايتتى، ئۇنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. لېكىن، ھازىر 78 ياشقا كىرگەن بايدېن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نامزات سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئالدىغا كەلدى. بايدېن 40 نەچچە يىل سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇزاق كېڭەش پالاتالىق ھاياتى بايدېننىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبىنى ياراتقان بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك پىرىنسىپاللىققا ئىگە، لېكىن دەۋر ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، جانلىق ئىش قىلىشقا ماھىر، كۆپ يىللاردىن بۇيان بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ كەلگەن.

گېرمانىيە ئالاھىدە ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقى خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈم قىلىشقا بەك يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە ياۋروپانىڭ بۇ تەھدىتىنى بايقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

خىتاينىڭ ئېلېكتىرونىك نازارەت ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان جېجياڭ داخۇا تېخنىكا شىركىتىنىڭ، چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى ئىجرا قىلىدىغان سۇنى ئەقىل يۇمتېلىدا ئۇيغۇرلار تونۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئىرقىي تونۇغۇچى بىر كودنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېما رايلىي يەكشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەمىنلىگەن، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان.

24- ئۆكتەبىر قەشقەرۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ 2- كەنىتىدە 17 ياشلىق بىر قىزدا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغاندىن كېيىن، 2-نويابىردىن 3- نويابىرغىچە بولغان 20 سائەت ئېچىدە قەشقەردە يېڭىدىن 116 ئادەم خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل ئىچىدە 3 قېتىم قامال قىلىنغان بولۇپ، پۇقرالارغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى يولغا قويۇلغان.

11- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىستانبۇل سېلىم پاشادا ئۆتكۈزۈلگەن يۇرتلار بىرلىكىنىڭ يېغىندا، بىرلىك قارمىقىدىكى سودا گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەزالارغا پايدا ئايرىش، كەلگۈسى سودا تىجارەت ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاقىدار مۇھاكىمە، مۇلاھىزە يىغىنى ئېچىلدى، شۇنداقلا سودا بىرلىكىدىكى ھەر قايسى ئەزالارغا تۇنجى قېتىملىق پايدا ئۈچۈن 50 مىڭ لىيرا، كىشى بېشىغا 900 لىيرا دىن پۇل تارقىتىپ بىرىلدى.