تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ب د ت ۋەكىلى بۈگۈن سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «‹ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى› غا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» نى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رايونغا بېرىشغا يول قويۇشقا چاقىردى. خىتاينى «ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.

ئىككى تەرەپ نەچچە ئايلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت دونالد ترامپ سۆھبەتلەشكۈچىلەرگە يېڭى قوزغىتىش لايىھىسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنى توختىتىشقا بۇيرۇق بەردى. بۇ تاڭ قالارلىق ھەرىكەت نەچچە مىليونلۇق ئاساسىي ئىقىتىسادنى قۇتقۇزۇش لايىھىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىققا خاتىمە بەردى.

ئافراسياپئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 6- ئۆكتەبىر ئامېرىكا ۋە 38 ئىتتىپاقداش دۆلەت ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلغاندىن كېين، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. ئۇلار خىتاينى ئاقلىدى. ياۋروپا، ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىگە ئەڭ زور تاجاۋۇز قىلىدۇ، دېدى. تۈركىيە بۇ نۆۋەتمۇ خىتاينى ئەيىبلىمىدى، خىتاينى ماختىمىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئاۋاز چىقارمىدى. بۇ 25 دۆلەتلەر تۆۋەندىكىلەر: روسىيە، شىمالىي كورىيە، ئىران، […]

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 دۆلەت خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خىتاينى سياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، قامالغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى تەكشۇۈرۈشكە يول قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە پارلامنېت سايلىمى نەتىجىسگە قارشى چوڭ نامايىش پارتىلىدى. قىرغىزىستاندىكى 16 سياسىي تەشكىلات ۋە پارتىيە 120 كىشىلىك پارلامىنتتقا كىرىش يەنى ئالىي كېڭەش سايلىمىغا قاتناشقان بولۇپ

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، پېنسلۋانىيە شتاتىدىن جۇمھۇرىيەتچى سىكوت پەررى 1-ئۆكتەبىر ختتاينىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنىدە

ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك، ئامېرىكىدا 4 يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە — جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئارىسىدىكى ۋە ئۇلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولغان دونالد ترامپ بىلەن جوۋ بايدىن ئارىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشمەكتە.

ئامېرىكا سايلىمىغا يەنە بىر ئاي بار، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، بۇ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى سايلامنى تېخىمۇ نامەلۇم ئەھۋالغا ئېلىپ كىردى.

خىتاي« خەلقئارا ئايرۇپورت ئۇچۇرلىرى تورى»نىڭ قەيت قىلىشچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 2020- يىلى يولغا قويماقچى بولغان 10 ئايروپورت قۇرۇلۇش تۈرى جىددىي ئېلىپ بىرىلماقتا ئېكەن .

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 30-سىنتەبىر بېلەت تاشلاپ، 253 بېلەتنىڭ قوللىشى، 163 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى، 15 بېلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن «2020- يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» (Uyghur Forced Labor Disclosure Act of 2020) نى ماقۇللىدى.

1- ئۆكتەبىر ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونى فىلورىيا كاشى بېياز (Kaşi beyaz) رېستۇرانىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە بىرقىسىم جەمئىيەت، ۋەخپە باشلىقلىرى، دوكتۇر، پروفېسسورلار، بىر قىسىم دەۋا ئاكتىۋىستلىرى ۋە جامائەت چوڭلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلىك-باراۋەرلىك، ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىلدى.

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى ئىككى كۈندىكى ئاساسلىق خەۋىرى ئۈچ: تۈركىيە ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرا ئۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ؛ مالىيە مىنىستىرى يېڭى ئىقتىسادىي پىلاننى يولغا قويدى ؛ سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقۇم سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئاشكارىلاندى ، بىر كۈندە يۇقۇملىنىش سانى ئېلان قىلىنغان ساننىڭ 20 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇشى مۇمكىن. يەنى كۇنلۇك يوقوم سانى 30 مىڭغا يېتىدۇ. دىگەنلىك .

فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ مالىيە خامچوتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي مۇزاكىرىسىدە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىياسىتىنى ئاقلىدى. خىتايغا قارىتىلغان سىياسىتىدە توختالغاندا، مېركېل ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تىل ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان «قەبىھ ۋە ۋەھشىيانە مۇئامىلىسى» نى ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە خوڭكوڭ مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

بىرىنچى ئۆكتەبىر گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردام دۆلەتلىك مۇزىي ئالدىدا، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تىبەت، جەنۇبىي مۇڭغۇل، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە دېموكراتچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاقلىقىدا، خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

1- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلۋالغانلىقىنىڭ 71- يىلى، بۇ كۈندە خىتايغا بايرام، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ماتەمدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىللاردىن بىرى، بۇ كۈندە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

ئىلاۋە: مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ئەردەم ئەسلىدە ب ب س مۇخبىرلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، بۈگۈن ئۇ خەۋەر ئىلان قىلىندى. زىيارەت خاتىرىسى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سۇدۇننىسا ھاجىمنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئ‍ۆتكەن بولۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشلىنىشىدە سۇدۇننىسا ھاجىم ئاساسلىق شاھىد قاتارىدا ئالاھىدە ئورنى بار. مەزكۇر زىيارەتنامە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىتىشى ئۈچۈن جامائەتكە سۇنۇلدى.