تۈركىيەدە ياشاپ ئۇيغۇرچە ھەم تۈركچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شائىر ئىمران سادائىنىڭ شېئىرلىرى تۈرك دۇنياسىدىكى شائىرلارنىڭ تارىخى ۋە شېئىرلىرىدىن تاللانما ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. بۇ توپلامغا 13-قېتىملىق خەلقئارالىق شېئر پائالىيىتىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئىشتىراك قىلغان شائىرلار تاللانغان.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى «مۇڭغۇل يېزىقى دۆلەت پىلانى» (3) نى رەسمىي ماقۇللاپ، 2025-يىلىدىن باشلاپ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى مۇڭغۇل يېزىقىنى (يەنى كونا مۇڭغۇل يېزىقى) تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ پىلانغا ئاساسەن، موڭغۇلىيە 2025-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلىرىدا كىرىل مۇڭغۇل يېزىقى ۋە كونا مۇڭغۇل يېزىقىنى بىرگە قوللىنىپ، بۇندىن كىيىن پۈتۈنلەي كونا مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى (17-مارت) «خىتاي ۋىروسى» دېگەن سۆزنى قوللانغانلىقىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىروسنى ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتايغا ئېلىپ كەلگەن دەپ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قوللانغان. ئۇ بۇ سۆزنى قوللىنىشتا ۋىروسنىڭ كىلىش مەنبەسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، بۇ «ئىنتايىن ئىنىق» ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرىگە كۆرە، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى» (International Service for Human Rights) 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى شەرقى تۈركىستاندىكى «كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىنى» ئالدىن ئورۇنغا قۇيۇپ ھەل قىلىشى، شەرقى تۈركىستاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ھەمدە خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا قانۇن چىقارغۇچىلىرى چارشەنبە كۈنى بىر قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ئۇ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدىن (ش ت) ئامېرىكىغا ئىمپورت قىىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قاتتىق چەكلىمە قۇيىدىغان بولۇپ، بۇ بۈگۈنگە قەدەر بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا قايتۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

5 – مارت تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى خەلىقئارالىق ئىلىم _ پەن بايرىمىى 7- مارت كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
بۇ بايرامغا 20نەچچە دۆلەتتىن، باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ پەن-تېخنىكىغا ئائىت لاھىيەلىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ ۋە دۆلەتتىن بىكىتىلگەن باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىدىن شائىرە مەدىنە باۋۇدۇن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ۋە سېغىنىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «بار»ناملىق شېئىرى تۈركىيەنىڭ «گۈنجەل سەنەت» (ھازىرقى زامان سەنئىتى) ناملىق ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىندى. مەدىنە خانىم تۈركىيە مارمارا ئ‍ۇنېۋېرستىتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ماگسترلىقتا ئوقۇغان

ۋۇخەن ۋىروسىنىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتىن قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر قايسى كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىللىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىۋىتىسلەر خىلمۇ خىل ئۇسۇلدا پائالىيەتلىرنى داۋام قىلماقتا. 43- نۆۋەلىك «خىتايدا كىشىلىك ھۇقۇق ئەركىنلىكى» تىمىسىدىكى يىغىن، 3- ئاينىڭ 4- كۈنى جەنۋەدە ئېچىلدى.

شۇ جاي ۋاختى پەيشەنبە كەچ ئىران تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان خەۋەردە ، ئىران تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جاۋاد زەرىفنىڭ سابىق مۇشاۋۇرى شەيخۇل ئىسلام ھۈسەيىن كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن .

ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسى ئابدۇرەشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى ئاسىيا خەۋەرلىرى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئۇلار «باشقىچە» مىللەت ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى دۆلىتىنى قۇرۇشقا تەييار».

1. كورونا ۋىرۇسى – يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ۋىرۇس بولۇپ، سارىسقا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇرەككەپ بىرخىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس. WHO تەرىپىدىن 2019-nCoV دەپ نام بېرىلدى. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 1-تۈركۈمدىكى 2019-nCoV گېنومى تەرتىپىنى ئېنىقلاش تاماملاندى، ئارقىدىنلا كەينى-كەينىدىن بەش ئەۋرىشكىلىك گېنوم تەرتىپى ئېلان قىلىندى.

باش شىتابى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېرراغا جايلاشقان «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەتلىرى ئىنستىتۇتى» (Australian Strategic Policy Institute) 1-مارت ئېلان قىلغان بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان كىشىلەرنى ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان.