2018-يىلىدىكى تەسرى زور ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

1-«كەسپى سياسى تەشكىلاتچىلار» ياكى كەسپى ئىلمى ئەمگەك ئارقىلىق ھەرىكەت قىلغۇچى «زىيالىيلار» مەزكۇر پائالىيەتچىلەر قاتارىغا كىرگۇزۇلمىدى.

تاللىنىشتا:

2018-يىلى «ئالاھىدە ئاكتىپ بولغان بولۇشى كىرەك.

2018-يىلىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

1-«كەسپى سياسى تەشكىلاتچىلار» ياكى كەسپى ئىلمى ئەمگەك ئارقىلىق ھەرىكەت قىلغۇچى «زىيالىيلار» مەزكۇر پائالىيەتچىلەر قاتارىغا كىرگۇزۇلمىدى.

تاللىنىشتا:

2018-يىلى  «ئالاھىدە ئاكتىپ بولغان بولۇشى كىرەك.

2-كونكىرىت ھەرىكەتلەرنى ئىلىپ بارغان بولۇشى، تەشكىللەش ،ئەمەلى ھەرىكەتكە سەپەرۋەر قىلىش ،تەسرلە ندۇرۇش ئالاھىدىلىكى كۇچلۇك بولۇشى كىرەك.

3-ھەرىكىتىنى چوقۇم يىلبويى ئىزچىللاشتۇرغان بولۇشى كىرەك.

4-بۇ تېزىملىك ھوقۇق،نوپۇز بايلىققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ،بۇلار ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدىغان سانسز كىشلەرنىڭ ئارسدىكى ئاز بىر قسمى بولۇپ،تەرتىپ دەرىجىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

5-يىللاردىن بىرى جاپا چەككەن قىرىنداشلار رەھمەت ۋە تەشەككۇرگە ئىرىشش ئورنىغا ئەكسچە ماجرالار ئارىسغا كىرىپ قالدى.بۇ ئىنتايىن زىيانلىق. بۇ تېزىملىك ئارقىلىق ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۇرمەكچىمىز، ۋەتەندىكى ئاۋازسز خەلقنىڭ ئۇلارغا مۇھتاجلىقىنى دىمەكچىمىز.تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ ئۇلاردىن ئىلھام ئىلىپ قىرغىن قىلىنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن كۆكرەك كىرىشگە چاقىرماقچىمىز!

زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئاجىز ۋە ئاۋازسز خەلقىمىز ھەر بىرىمىزنى كۇتۇۋاتىدۇ.

ئش قىلىۋاتقانلارنىڭ پاسسپ تەرىپىنى سۆزلىگۇدەك ۋاقتىمىز،زىھنىمىز يوق.

1-تەۋرەنمەس كۆرەشچى ئابدۇغەنى سابىت :

ئابدۇغەنى سابىت ئۇزۇن يىللىق پائالىيەتچى،ئۇ «شەرقى تۈركستانغا سۆزلەش» تاراتقۇسى ئارقىلىق يۇز مىڭلىغان كىشلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسنى ئاڭلاتقان،مۇھىم تاراتقۇلارغا ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ يەتكۇزگەن،2018-يىلى قىززىق تېمىلاردا ئىجابى مەيداندا تۇرۇپ 20 قېتىمدىن ئارتۇق ۋىدىئو تارقاتقان،10 قېتىمدىن ئارتۇق ئىنگىلىزچە ۋە گوللاندچە تاراتقۇلارنىڭ زىياىتىنى قوبۇل قىلغان.ياشلارنى ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان.نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسنى ھەقسز تەرجىمە قىلىپ بەرگەن.

2-بايراق ۋە قەلەمنى قورال قىلغان :روشەن ئابباس

روشەن ئابباس خانىم ياشلارنىڭ ئۇلگىسى، ئۇزۇن يىللىق مىللى ھەرىكەت سېپىدىكى ئاۋانگارت. 2018  -يىلى ئۇ نيۇيورك ۋاقت گېزىتى،ۋاشنگىتون پوچتىسى،كانادا تېلېۋزىيەسى، ئەلجەزىرە تىلىۋىزىيەسى ، ئامېرىكا ئاۋازى، بىرلەشمە ئاگىېنىتلىقى قاتارلىق 20 گە يېقىن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا سۆزلەپ،ئۇيغۇرلارنىڭ قسمەتلىرىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ھېكايىسى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئاڭلاتقان

.ۋاشنگىتون پوچتا گېزىتىدە بىر پارچە ئوبزور ئىلان قىلغان.

ھادسۇن ئنۇستىتۇتى،ئىندىئانئا ئۇنېۋرستىتى،جورجى ۋاشنگىتون ئۇنېۋرستىتى مۇھاكىمىسى قاتارلىق بەشتىن ئارتۇق مۇنبەرگە قاتنىشپ،ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقان.

2018-يىلىدىكى ئەڭ چوڭ نامايىشلاردىن بىرى«بىر ئاۋاز،بىر قەدەم»نامايىشنى تەشكىللەپ،زور ئاخبارات ئۇنۇمى ۋە ئىجتىمائى تەسر ياراتقان.

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت» ناملىق تەشكىلاتى نامىدا،لوبىيچىلىق خىزمىتىنى ئىلىپ بارغان.

3-يېڭىلىق ياراتقۇچى،قوزغاتقۇچى ياش-قۇززات ئالتاي:

قۇززات ئالتاي -بىر تېخنىكا شركىتى ۋە تەربىيلەش مەكتىۋى قۇرغۇچىسى.

ئۇ 2018-يىلى ۋەتەنداشلىرى ۋە تۇققانلىرىنىڭ تەقدىرىگە داۋاملىق سۇكۇت قىلىشنى خالىماي،ھەققانىيەت ۋە ئنسانىيلىق ئۇچۇن ئەقلى،ئېقتسادى،قەلىمى ۋە ئىجتىمائى تەسرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ياش.

ئۇ 2018-يىلى تەربىيلەش مەكتىۋىدە ئۇچ قېتم چوڭ مۇھاكىمە يېغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ۋاشنگىتون رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ دىنى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرىگە بىلدۇرگەن ۋە ھەرىكەتلەندۇرگەن.

«ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» نامىدا ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇپ ،ئامېرىكىدىكى چوڭ تەشكىلاتلار ۋە ئورۇنلارنى ھەرىكەتلەندۇرگەن،ئېقتساد يېغىپ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكەت سپېدىكى ئاۋانگارتلارنى قوللىغان.

ئۇ يەنە نەچچە يۇزلىگەن ئۇيغۇر ياشنى كەسپى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئېقتسادتا كۇچلۇك،ئەقىدىدە ساغلام،مىللەتكە ياراملىق بولۇشى ئۇچۇن سەھنە -ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر بىرلىكى-نى قۇرۇپ چىققان ۋە قىينچىلىقى بار دوسلارغا ياردەم قىلغان.

ئۇ يەنە كۆزگە كۆرۇنگەن ئۇستازلار،ھەرىكەتچىلەرنى يېغىپ مۇھىم تېمىلاردا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ،كۆرۇش سانى يۇقىرى بولغان ئۇنۇملۇك تەشۋىقات پىراگىراممىسى ياراتقان.

4-ئەڭ ياخشى رىياسەتچى —ئابدۇللاھ يالقۇن

ئابدۇللا يالقۇن-ئستىقلال تېلىۋىزىيەسى تور تېلېۋىزيە قانىلى رىياسەتچىسى، يىللاردىن بىرى مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا ئوزۇق بىرىپ كىلىۋاتقان تاراتقۇ خادىمى.

ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بىرى تۇرلۇك خەۋەر،سۆھبەت ،ئانالىز،زىيارەت پىراگىراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ،خەلق مۇھتاج بولۇۋاتقان تېمىلارنى يورۇتۇپ بەردى.ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن كۈچ چىقاردى.

5-ئىجتىمائى تاراتقۇ ئۇيغۇرچە جانلىق تاراتقۇ تۆھپىكارى:تەجەللى

ھۇسەيىن تەجەللى -2018-يىلى فايىس بۇك ئارقىلىق جانلىق تارقتىشنى يولغا قويۇپ،كەڭ جامائەتچىلىكىنىڭ قىزغىن ئالقشىغا ئىرشتى.مۇھىم تېىمىلاردا لايىق كشلەرنى سەھنىگە ئىلىپ چېقىپ،جامائەتچىلىك بىلەن پىكىرلەشتۇردى.

نۇرغۇن ۋاقىت ،كۇچ سەرپ قىلىپ،تاراتقۇ ساھەسدە يېڭىلىق يارىتىش ئۇچۇن ئەمگەك قىلدى.ئۆزىگە خاس ئاڭلىغۇچىلار قوشۇنى ھاسل قىلىپ،چەتئەل ئۇيغۇر مىدياچىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلماقتا.

6-ئىجتىمائى تاراتقۇ ئۇيغۇرچە جانلىق تاراتقۇ پىدائىسى -ئەخمەت پىدائى

ئەخمەت پىدائى ئەستايىدىللىق ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىجتىمائى مىديا ئۇيغۇرچە جانلىق تارىتىش خىزمىتىنى كەسكىن ئىلىپ بىرىۋاتقان كەسپچان پىدائى .

ئۇ ئاخباراتچىلىققا ماس كىلىدىغان سەزگۇرلۇكى ۋە مۇناسۋەتكە ماھىرلىقى بىلەن مۇھىم ۋە نازۇك تېمىلارنى يورۇتۇشتا ئالاھىدە كۇچ چېقىرىپ كەلمەكتە.

7-ئەركىنلىك كارۋانچىسى-خالمۇرات ئۇيغۇر:

خالمۇرات ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ 2018-يىللىق ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىسىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، نۇرغۇن مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىغا گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئۇ كۆپلىگەن ۋىدىئولارنى چېقىرىپ، نۇرغۇن كىشلەرنى گۇۋاھلىق بىرىشكە دەۋەت قىلغان.

ياشلارنى تەشكىللەپ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئەركىنلىك كارۋىنى تەشۋىقات سەپىرى ئىلىپ بارغان.

ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتىنى قۇرۇپ،تۈركىيەدىكى ياردەمگە مۇھتاج ئۇيغۇرلارنى تىزىملاپ، ئەمەلى ياردەم ئىلىپ بارغان.

گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىدىئولىرىنى توپلاپ ،مەخسۇس يوۋتۇپ قانىلى ئېچىپ، تونۇشتۇرغان ۋە تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغان.

8-گۇۋاھلىق بىرىش پىدائىيسى ئابدۇراھمان ھەسەن

ئابدۇراھمان ھەسەن 2018-يىلى1-ئايدا ختتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ياشلىق ئاپىسى ۋە ئايالىنى تۇتقۇن قىلىپ،بالىلىرىنى ئايرىغاندىن كىين«ئاپامنى ئېتپ بەر،پۇلىنى مەن بىرىمەن»دىگەن ئۆزگىچە ۋە تەسرلىك سۆزى بىلەن ئاخبارات ساھەسدە كۈچلۈك تەسر قوزغىغان.

ئۇ ئارقىمۇ-ئارقا «پارتىلىغان سۇكۇت»يۇرۇشلۇك ئاخبارات زىيارىتىدە بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ،جامائەتچىلىكنى ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

ئۇ ھازىرغا قەدەر ب ب س ،پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق 15 چوڭ تاراتقۇغا ئۆز ھېكايسنى ئاڭلاتقان.

ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختىماي ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا چاقىرىق ئىلان قىلىپ،300دىن ئارتۇق كىشنى ختتاي كومپارتىيسنىڭ قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بىرىشكە ھەرىكەتلەندۇرگەن.

9-ئۇمىتلىك ياش -شەھرىزات غەيرەت

شەھرىزات غەيرەت ئاۋستىرالىيەدە ئوقۇش پۇتتۇرۇپلا ۋەتەن-مىللەت خىزمىتى ئۇچۇن پىداكارلىققا ئاتلاندى،

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ئۇيغۇر ياشلىرى كىرزىسىنى تونۇشتۇردى.

بۇرۇن ئشلىگەن شركىتىدە ئۇيغۇر مەسلىسنى ئاڭلاتتى .

ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدا پىدائى بولۇپ ئشلەپ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاز سانلىق ئاياللار مەسلىسى ۋە ئنسانى ھوقۇق يېغىندا سۆز قىلدى.

ئستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلار مۇھاكىمە مۇنبىرىدە سۆزلىگۇچى بولدى.

بىرلەشمە ئاگىېنىتلىقى،فىرانسيە 24 سائەت تېلىۋېزىيە قانىلىدا سۆز قىلدى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشچان ۋە پىداكار ئوبرازىنى ياراتتى.

10-يالغۇز كىشلىك نامايىشچى  ئابدۇرىھمجان غەنى

يالغۇز كىشلىك نامايىش
يالغۇز كىشلىك نامايىش

گوللاندىيەدىكى تۇپراق ئانالىزچىسى ئابدۇرىھىمجان غەنى 2018-يىلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يالغۇز كشلىك نامايىش ھەرىكىتى بىلەن گوللاند خەلقى،ساياھەتچىلەر ۋە باشقا ھەر مىللەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنى ئىمكانقەدەر تولۇق ئاڭلىتىشقا تىرىشقان شەخس.

ئۇ ئۇيغۇرلارنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن نۇرغۇن سۇرەتلەر،خەرىتە،خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشۋىقات ماتېرياللىرىنى لايىھەلىدى.

ئۇ نامايش قىلىۋاتقان جاي ئۇنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىدىن يىراق بولۇپ،ھەر قېتىم يالغۇز تەشۋىقات تاختىلىرىنى قوراشتۇرۇش،ئىلىپ يۇرۇش ئىنتايىن ئەپسز ھالەتتىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.ئۇنىڭ ئىجادىيلىققا تولغان، قەتئى سەمىمى ئىرادسى ئەكس ئەتكەن قەتئى  ھەرىكىتى نۇرغۇن ۋەتەنداشلار ۋە باشقىلارنىڭ ھۇرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

11-لاگىرنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان تۇنجى شاھىت -ئۆمەر بەك ئالى

مەن مۇشۇنداق خورلاندىم

ئۆمەر بەك ئالى قازاقستان پۇقراسى بولغانلىقى ئۇچۇن ختتاي لاگىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان شاھىتلاردىن بىرى،ئۇ لاگىردىن چىققاندىن بىرى تۈركىيە ،ياپونىيە جەمئىيتىدە ،ئىزچىل ختتاي كومپارتىيسنىڭ رەزىل سياسىتىنى پاش قىلدى .

تۈركىيە جەمئىيتىدە،ئوقۇغۇچىلار،زىيالىلار،ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىغا ئەڭ ئۇنۇملۇك شاھىتلىق بەردى.

ئۇ يەنە ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق پۇتۇن خەلقنى ئېتتپاقلىشپ،ھەرىكەت قىلىشقا،قىرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇ ھازىرغا قەدەر ،ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەڭ كۆپ گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىت بولۇپ قالدى.

12-ئازاپلىرى بىلەن ئۇيغۇر دەردىنى ئاڭلاتقان قىز-مىھىرىگۇل تۇرسۇن

مىھىرىگۇل تۇرسۇننىڭ پىغانى

مىھىرىگۇل تۇرسۇن -لاگىر شاھىتلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئامېرىكىغا كەلگەن قسقىغىنا ئۇچ ئاي ئىچىدە ،ئون نەچچە ئاخبارات ۋاستىسغا زىيارەت بەردى،بەشتىن ئارتۇق مۇھىم يېغىندا كەچۇرمىشلىرىنى سۆزلىدى،پۇقرالار كۈچى مۇكاپاتى نامزات بولدى.

13-ئەرشدىن ئەركىن

ئەرشدىن ئسملىك بۇ ياش يىگىت ئستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسلىسنى يەنە بىر قىزغىنلىققا كۆتۈردى.ئۇنىڭ پىداكارلىقى،جاسارىتى تۈرك خەلقى كۆرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەركەكلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تۈركلەر بىلەن ئوخشاش جاسارەتنى نامايان قىلدى،ئۇ 10 غا يېقىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،ختتاي قىرغىنچىلىقىنى يورۇتۇرۇش ئۇچۇن كۇچ چىقاردى.

14-نۇرگۇل ساۋۇت

نۇرگۇل ساۋۇت -ئاۋستىرالىيە پارلامنتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىمزا توپلاش پائالىيتىنى تەشكىللەپ،ئۇيغۇرلار مەسلىسنى پارلامنىتتا كۇنتەرتىپكە كەلتۇرۇش ئۇچۇن باشقا پائالىيەتچىلەر بىلەن تەڭ كۇچ چىقاردى.

ئاۋستىرالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ  زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرىنى ئاشكارىلىدى.

بىر قسم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بىرىپ،ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا داۋاملىق ئىجابى ۋە ئاكتىپ مەزمۇنلارنى ئورتاقلىشپ،خەلقكە پايدىلىق ئىدىيەلەرنى تارقاتتى.

15-تۇمارس ئالماس

تۇمارس ئالماس يەككە ھالەتتە ھەرىكەت قىلىپ،ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا مۇھىم دەپ قارالغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

خەلقنى گۇۋاھلىق بىرىشكە ئىلھاملاندۇردى.

ئۆزى تۇرىۋاتقان شەھەردە يالغۇز كىشلىك نامايىش ئىلىپ باردى.

ئۆزى تۇرىۋاتقان كالىفورنىيە شتاتىدا،سناتورلارغا خەت يېزىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ،قانۇن لايىھىسنىڭ تەستىقلىنشى ئۈچۈن كۇچ چىقاردى.

نۇرغۇن ياشلار بىلەن ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا نۆۋەتتىكى مەسسللەردە ئورتاقلىق ھاسل قىلىپ،داۋاملىق تىرىشۋاتقان بىر ياش ئوبرازىنى ياراتتى.

16-ئەڭ ياخشى ناتىق -ئايدىن ئەنۋەر:

بۇگۇنكى دەۋر ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئىچىدە ياش،ئەڭ مۇنەۋۋەر،تەسرى زور ئۇيغۇر قىز پائالىيەتچى-ئايدىن ئەنۋەر 2018-يىلى ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ئىلمى ژۇرنىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوندىن ئارتۇق تاراتقۇدا ئۆزى قەلەم تەۋرىتىپ ماقالە ئىلان قىلدى.

ھازىرقى سياسەت قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق تاراتقۇغا سۆزلەپ،ئۇيغۇر داۋاسنى بىر پەللە كۆتۇردى.راۋان ئىنگىلىزچە،توغرا بايان،روشەن ۋە ئىنىق مەقسەتلەر بىلەن ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ ماھىيتىنى تونۇتتى.

ئۇ ئۆتكەن ئايدا سۆزلىگەن ۋىدىئو نىڭ كۆرۇلۇشى تۇرلۇك تاراتقۇلاردا 30 مىلىيون قېتىمدىن ئ‍شپ رىكورت ياراتتى.

ئۇ ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىنى قۇرۇپ،مۇھىم خىزمەت قىلغاندىن باشقا يەنە ئويغنىش ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا پىدائى بولدى.

20 دىن ئارتۇق سورۇندا لېكسيە سۆزلىدى.

16-رەنا ياشار ئايبالا:

رەنا قىز بىر يىلدىن بىرى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تۈركچە-ئۇيغۇرچە يازمىلارنى توختىماي ئىلان قىلدى.نورۋىگىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ نامسز مەھبۇسلار تىزىملىكىنى رەتلەشكە مەسئۇل بولۇپ،3500 دىن ئارتۇق مەھبۇسلار ئارخىۋتىنى تۇرغۇزۇپ،پاكىت ماتېرىيالى چىقىرىپ،ئۇيغۇر مەسلىسنى پاكىتلىق ماتېرىيال ئامبىرىغا ئىگە قىلىشتا كۆپ كۈچ چىقاردى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مەزكۇر باھالاش تۈرى پىلانلىغۇچىسى ،باھالاش كوللىكتىۋى ئەزاسى بولغانلىقى ئۇچۇن تېزىملىكتىن قالدۇرۇلدى!           

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى:خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلماقتا

پە دېكابىر 27 , 2018
قەشقەر، خىتاي – خىتاينىڭ يىراق غەربىدە تەسىس قىلىنغان جازا لاگىرلىرىدىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلار فابرىكىلارغا يۆتكەلمەكتە. ئۇلار جازا لاگىرلىرىغا نەچچە ئايلاپ تۇتقۇن قىلىنىپ، دىنىي ئېتىقاتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان نەچچە يۈز مىڭلىغان تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى گۇناھىغا تۆۋە قىلغاندىن كېيىن ياخشى كىرىمگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۈلگىسى، سىياسىي ئىجتىمائى ياردەمگە ئېرىشكەن فابرىكا ئىشچىلىرى سۈپىتىدە تېلۋىزورلاردا كۆرسەتمەكتە.

You May Like