2015-يىللىق دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 51 شىركەت

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى ئامېرىكا <<بايلىق>> ژۇرنىلى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى قېتىم <<2015-يىللىق دۇنيانى ئۆزگەرتكەن شىركەتلەر>> تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگودىن <<ئەلى بابا>> شىركىتى بىلەن <<بىيادى>> شىركىتى بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى ئامېرىكا <<بايلىق>> ژۇرنىلى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى قېتىم <<2015-يىللىق دۇنيانى ئۆزگەرتكەن شىركەتلەر>> تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگودىن <<ئەلى بابا>> شىركىتى بىلەن <<بىيادى>> شىركىتى بۇ تىزىملىككە كىرگەن. ئەنگلىيەدىكى تېلېگراف ماگناتى<<ۋودافون>> شىركىتى بىلەن كېنىيەدىكى تېلېگراف ماگناتى <<سافارىكوم>> شىركىتى بىرلىكتە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى <<ستارباكس>> شىركىتى، شىۋېيتسىيەدىكى <<ئىكېيا>> شىركىتى قاتارلىقلار شىركەتلەرمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بۇ يىل <<بايلىق>> ژۇرنىلى تۇنجى قېتىم <<دۇنيانى ئۆزگەرتكەنلەر>> ناملىق تەرتىپنى بارلىققا كەلتۈردى، بىز 51 شىركەتنى باھالاپ چىقتۇق، بۇ شىركەتلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ جەمئىيەت ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن رىقابەتلەشكەن. بىزنىڭ بۇ تىزىملىكنى چىقىرىشىمىزدىكى مەقسەت ___ شىركەتلەرنىڭ <<خەير-ساخاۋىتى>> ياكى <<ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى>> قاراپ تىزمىدۇق. چۈنكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، ئۇلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دۇنياغا تەسر كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز پەقەت بۇ تىزىملىك (تەرتىپ) ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلىشنى پايدا ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈۋەتكەن شىركەتلەرنى كىشىلەرگە تونۇتۇش ھەمدە يېڭى نۇقتىئىنەزەردىن كاپىتالىزمنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ تىزىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، <<بايلىق>> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرى كىرىمسىز ئىجتىمائىي تەسىر مەسلىھەتچىلىك شىركىتى FSG بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە ئون سودا، ئىلىم ۋە كىرىمسىز ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. بۇ تەكلىپلەر بويىچە <<بايلىق>> ژۇرنىلى FSG ۋە << قىممەتتىن ئورتاق بەھرلىنىش تەشەببۇسى>> ناملىق بىرلەشمە تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە 200 نەچچە نامزات شىركەتنى تاللاپ چىقتى. بىز باھالاشتا، ئاساسلىقى شىركەتتىكى كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى، مۇھىم ئىجتىمائىي رىقابەتلەرنى بەلگىلەيدىغان تەسىر كۆلىمى، <<قىممەتتىن ئورتاق بەھرلىنىش>> ھەرىكىتىنىڭ شىركەتكە پايدا ئىقتىدارى ۋە رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە قوشقان تۆھپىسى، شۇنداقلا قىممەتتىن ئورتاق بەھرلىنىش خىزمىتىنىڭ شىركەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدە كەسپىگە بولغان مۇھىملىقى قاتارلىقلارنى ئۆلچەم قىلدۇق. كېيىن، <<بايلىق>> ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرلار ئۆمىكى ھەربىر شىركەتكە كىرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ھەمدە شىركەتنىڭ تەسىر كۈچىنى دوكلات قىلدى. <<بايلىق>> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرى بۇ ئىچكى دوكلاتلار ۋە ئالاقىدار تەھلىلەرگە ئاساسەن، 51 شىركەتنى بېكىتىپ چىقتى.   بۇ 51 شىركەت تۆۋەندىكىچە: 1. ئەنگلىيە <<ۋودافون>> تېلېگراف شىركىتى، كېنىيە <<سافارىكوم>> تېلېگراف شىركىتى 2. ئامېرىكا <<گۇگېل>> شىركىتى 3. ياپونىيە <<تويوتا>> ئاپتوموبىل شىركىتى 4. ئامېرىكا <<ۋالمارت>> تۈرلۈك ماللار چەكلىك شىركىتى 5. ئىتالىيە ئىتالىيە دۆلەتلىك ئېلېكتىر شىركىتى 6. ئەنگلىيە گلاكسو (GSK) دورا گۇرۇھى 7. ھىندىستان <<جەين>> مېۋە شەربىتى شىركىتى 8. ئامېرىكا <<سىسكو>> سىستېما شىركىتى 9. شىۋېيتسارىيە <<نوۋارتىس>> تېببىي دورا شىركىتى 10. ئامېرىكا <<فېيس بۇك>> تور پاي شىركىتى 11. ئامېرىكا <<ماستېر كارتا>> خەلقئارا تەشكىلاتى 12. بېنگال يېزا بانكىسى 13. جۇڭگو <<ئەلى بابا>> گۇرۇھى 14. فىرانسىيە <<دانون>> يېمەكلىك شىركىتى 15. جۇڭگو <<بىيادى>> پاي چەكلىك شىركىتى 16. مېكسىكا سېمۇنت گۇرۇھى 17. ئامېرىكا <<دىسكاۋرى>> ئالاقە شىركىتى 18. دانىيە <<نوۋو نوردىسك>> بىيودورا شىركىتى 19. جەنۇبىي ئافرىقا <<SABMiller>> پىۋا شىركىتى 20. ئامېرىكا خەلقئارا سودا ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى (IBM) 21. ئافغانىستان <<روشەن>> كۆچمە ئالاقە شىركىتى 22. ئامېرىكا <<ئاۋانگارد>> مەبلەغ باشقۇرۇش گۇرۇھى 23. ئامېرىكا <<ستارباكس>> زەنجىرسىمان قەھۋە شىركىتى 24. ئامېرىكا <<پاتاگونىيە>> دالا بۇيۇملىرى شىركىتى 25. ئامېرىكا <<كارگىل>> خۇسۇسىي پاي كونترول شىركىتى 26. ئامېرىكا <<BD>> داۋالاش تېخنىكىسى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى 27. كېنىيە <<M-كوپا سولار>> قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركىتى 28. گوللاندىيە <<يۇنىلېۋېر>> گۇرۇھى 29. فىلىپپىن <<ئايالا>> يەر مۈلۈك شىركىتى 30. ئامېرىكا <<نەسداك>> يېمەكلىك تاللا بازىرى شىركىتى 31. ئامېرىكا <<CVS كارېمارك>> دورا پارچە سېتىش شىركىتى 32. كېنىيە <<ئەكۋىتى>> بانكىسى 33. Intercorp شىركىتى 34. گوللاندىيە ‹‹فىلىپس›› شىركىتى 35. شىۋېيتسىيە <<ئىكېيا>> گۇرۇھى 36. ئامېرىكا ‹‹سپەكسېس›› ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى 37. ئامېرىكا ‹‹نايك›› شىركىتى 38. دانىيە ‹‹مارسك›› ئاۋىياتسىيە شىركىتى 39. ئامېرىكا ‹‹ئىنتېل›› يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك پىلاستىنكا شىركىتى 40. ئەنگلىيە ‹‹ئارۇپ›› قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى 41. ئامېرىكا ‹‹تۋىتتېر›› ئىنتېرنېت شىركىتى 42. ئامېرىكا ‹‹فورد›› ئاپتوموبىل شىركىتى 43. ئامېرىكا ‹‹فىتبىت›› شىركىتى 44. ئامېرىكا ‹‹ئېكولاب›› شىركىتى 45. ئامېرىكا ‹‹ئوپوۋېر›› ئائىلە ئېنېرگىيە سانلىق مەلۇمات ئانالىز شىركىتى 46. ئامېرىكا كېرەكسىز بۇيۇملارنى باشقۇرۇش شىركىتى 47. ئامېرىكا ‹‹كوستكو›› زەنجىرسىمان ئەزالىق تۈزۈمدىكى پارچە سېتىش شىركىتى 48. ئامېرىكا ‹‹كىكستارتېر›› جامائەت پاراۋانلىقى شىركىتى 49. ئەنگلىيە ‹‹ماركس-سپاركس›› تۈرلۈك ماللار شىركىتى 50. فىرانسىيە ‹‹ئېسسىلور›› ئوپتىكا شىركىتى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

پولو

پە ماي 3 , 2018
پولو ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم تاماقلىرىدىن بىرى بولۇپ ،ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا بەك مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، توي تۆكۈن ۋە نەزىر چىراقلار پولوسىز بولمايدۇ. ئەزىر مىھمانلار پولو بىلنە قارشى ئىلىنىدۇ ياكى ئۇزىتىلىدۇ.

You May Like