12 ياپونىيە شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىدار سودىسنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

12 ياپونىيە شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىدار سودىسنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئافراسىياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 21- فېۋرال

 

ياپونىيە كىيودۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ياپونىيەنىڭ 12 چوڭ شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە ئالاقىدار شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئالاقىسىنى توختىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ شىركەتلەر مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرغان بولۇپ، بەزىلىرى دەرھال، يەنە بەزىلىرى يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار سودىسنى توختىدىكەن. ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىدار شركەتلەرنى جازالىغان بولسمۇ، ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى رەنجىتىشتىن قورقۇپ، تا ھازىرغىچە خىتايغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە كەسكىن تەدبىر قوللانمىغان ئىدى. بۇ قېتىم خىتاينى جازالايدىغان شىركەتلەر ئىچىدە پاناسونىك، ھىتاچى، سونىي، توشىبا قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر بار ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

كانادا پارلامىنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

دۈ مارت 1 , 2021
كانادا پارلامىنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

You May Like