100 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ھەرىكىتىنى بىرلىكتە ئەيىبلىدى

ئارخىپ سۈرەت: ئەنگىلىيە پارلامېنت بىناسى ۋە دۆلەت بايرىقى.

ئامېرىكا ئاۋازى تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020- يىلى 9- سىنتەبىر
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان

ئۇيغۇرئاگېنتلىقى
2020- يىلى 15- سىنتەبىر

130 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا بېيجىڭنى «ئېرقىي تازىلاش» ئېلىپ باردى، دەپ ئەيبلىدى.

ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى سەيشەنبە (8- سېنتەبىر) كۈنى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ (刘晓明) يازغان بىرلەشمە ئىمزالىق خېتىدە: «دۇنيا بۇنچىلىك زور مىقداردىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىش ئىسپاتلىرىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، ھېچكىم كۆرمەسكە سالالمايدۇ. بۇ خەت ئارقىلىق ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ خىل زۇلۇمنى قەتئىي ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە بۇ خىل زۇلۇمنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز.»

خەتتە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى نوپۇسنى مەجبۇرىي كونترول قىلىش ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زور كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتلار، شۇنداقلا ساقال-بۇرۇتلىرى ئېلىنغان، كۆزلىرى ئېتىلگەن ناھايىتى كۆپ ئەرلەرنىڭ پويىزغا چىقىشنى ساقلاۋاتقان ۋىدېئوسى تىلغا ئېلىنغان.

ليۇ شياۋمىڭ يېقىندا ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ۋىدېئونى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئېرقىي تازىلاش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، بۇنى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان-ياۋىداقلىرى، دەپ ئاتىغان، ھەمدە خىتاينىڭ ھەر بىر مىللەتكە «باراۋەر» مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى ھەر ۋاقىت قوغدايدىغانلىقى، توغرىسىدا داۋراڭ سالغان.

ئارخىپ سۈرەت: خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

بۇ خەتنى ئىشچىلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى شىبويىن مەكدونا (Siobhain McDonagh) ماسلاشتۇرغان بولۇپ، ئىمزا قويغانلارنىڭ ئىچىدە كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى توم تۇگېنخەت (Tom Tugendhat)، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى رەھبىرى ئېد دەيۋېي (Ed Davey) ھەمدە يېشىللار پارتىيىسى، شوتلاندىيە مىللىي پارتىيىسى ۋە ۋېلىش پارتىيىسى (Plaid Cymru) نىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بار.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئەنگىلىيەلىك داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتى جېفرېي نايس (Geoffrey Nice) لوندوندا بىر مۇستەقىل سوت كوللېگىيىسى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) رايونىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان، شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نايس بۇرۇن سېربىيە سابىق پرېزىدېنتى مىلوشېۋىچ (Milošević) نىڭ بالقان ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «داۋاملىشىۋاتقان ۋەھشىيلىك ۋە مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى تەكشۈرەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى ئىسپات توپلاشنى ئاللىقاچان باشلاپ بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ سوت كوللېگىيىسى كېلەر يىلى بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدىغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ئىسپاتلارنى ۋە گۇۋاھلىق سۆزلەرنى ئاشكارىلايدۇ.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بارغانسىرى تارتىشقا باشلىدى. دۇنيا بويىچە 60 نەچچە دۆلەتتىكى 300 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى چارشەنبە (9- سىنتەبىر) كۈنى بىر پارچە ئوچۇق خەتكە بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ، ب د ت نىڭ جىددىي بىر مۇستەقىل مېخانىزم قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى دەۋەت قىلدى.

ئوچۇق خەتتە، ئىچكى جەھەتتىن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.)، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقىنى؛ سىرتقى جەھەتتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، يەرشارى خاراكتېرلىق نازارەت قىلىشنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق بولمىغان، مۇھىتقا زىيان سالىدىغان ئىقتىسادى تەرەققىيات تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى، كۆرسىتىپ ئۆتتى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە ئىمزا گۇرۇپپىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا داۋاملىق يول قويۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا ب د ت نىڭ دەرھال مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇپ چىقىپ، خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

100 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ھەرىكىتىنى بىرلىكتە ئەيىبلىدى

سە سېنتەبىر 15 , 2020
130 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا بېيجىڭنى «ئېرقىي تازىلاش» ئېلىپ باردى، دەپ ئەيبلىدى.

You May Like