1- ئۆكتەبىر ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا چوڭ كۆلەمدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

1- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلۋالغانلىقىنىڭ 71- يىلى، بۇ كۈندە خىتايغا بايرام، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ماتەمدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىللاردىن بىرى، بۇ كۈندە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

ئامىنە ۋايىت (سەدەف)
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-01

 

1- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلۋالغانلىقىنىڭ 71- يىلى، بۇ كۈندە خىتايغا بايرام، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ماتەمدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىللاردىن بىرى، بۇ كۈندە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

 

بۈگۈن ھەممە جاينى خىتاي ۋىرۇسى قاپلىغان بولسىمۇ، يۈرىكىدە ۋەتەن، مىللەت ئىشقى يالقۇنجاپ يانغان مىڭلارچە ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلىپ، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

 

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھېدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاينىڭ 71 يىلدىن بىرى ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىسلىسىز قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى، دوتسېنت دوكتۇر ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك، ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىلى مەھمۇتجان داموللام ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پىشقەدەم رەھبىرى، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار ئايرىم -ئايرىم سۆز قىلدى.

 

ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىم سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ، جۈملىدىن تۈركىي ئەللىرىنىڭ بۇنىڭغا ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە چارە تېپىشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى. دەۋا ئۇستازى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى يەنە يېڭىدىن قۇرۇلغان «تۈركىيە -خىتاي دوستلۇق ئايروپورتى» ھەققىدە توختىلىپ، يول بەلگىلىرى، دۇكان ۋە ئاشخانا ئېلان تاختىلىرىدا ئەرەپچە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يېزىقلارنى چەكلەۋاتقان تۈركىيەنىڭ، خەلقئارالىق ئايروپورتىغا خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلەرنى ئېسىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ كىيىملىردە خىتايچە ۋە خىتاي دۆلەت بايرىقىغا تەمسىل قىلدىغان نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بۇ ئايروپورتقا «تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق ئايروپورتى» دەپ نام بېرىشىنى ئەيىبلىدى ۋە تۈركىيەنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھەرخىل دىپلوماتىك ۋە سىياسىي يوللار بىلەن ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

 

پائالىيەت جەريانىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەر يەردە لەپىلدىدى، خىتايغا قارشى ۋە ئەركىنلىككە تەشنا شۇئارلار پۈتۈن مەيداننى لەززىگە سالدى.

 

ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جازا لاگېرلىرىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقانلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، جازا لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان يەرلىك تۈركلەر ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بىرىنچى ئۆكتەبىر گوللاندىيەدىكى نامايىش ھەرىكىتى

جۈ ئۆكتەبىر 2 , 2020
بىرىنچى ئۆكتەبىر گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردام دۆلەتلىك مۇزىي ئالدىدا، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تىبەت، جەنۇبىي مۇڭغۇل، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە دېموكراتچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاقلىقىدا، خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

You May Like