زۇمرەتئاي ئەركىن ئامېرىكا سابىق پىرەزدىنتى فىرانكلىن روزىلۋىىت فوندىنىڭ 2024-يىللىق «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنئاي، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

1941-يىلى سابىق ئامېرىكا پىرەزدىنتى فرانكلىن روزىۋىلىت تەسس قىلغان تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇنىڭ نامىدا قۇرۇلغان «روزىلۋىت فوندى» ئارقىلىق ھەر يىلى دۇنيا بويلاپ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە كۆرەش قىلغان تۆھپىكارلارغا تۆت ساھە بويىچە «سۆز ئەركىنلىكى»، «ئېتىقات ئەركىنلىكى»، «مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇش» ۋە «تەھدىتتىن قۇتۇلۇش»مۇكاپاتلىرىنى تارقېتىدۇ.

بۇ يىلى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى»مۇكاپاتى تۈرى -دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى خەلقئارا ھېمايىچىلىق پىروگراممىسى دىرىكتورى ، ئۇيغۇر قىزى زۇمرەتئاي ئەركىنگە بىرىلگەن.

مەزكۇر فوندى ئىلان قىلغان ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، زۇمرەتئاي ئەركىن 11-ئاپرىلدا باشقا ئۈچ كىشى بىلەن بىللە مۇكاپات قوبۇل قىلىدىكەن.

مەزكۇر ئورگان مۇكاپات بىرىش سەۋەبىدە، زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكى خىزمەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ۋە ئىنسانى ھوقۇقى ، مەدەنىيتىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلىگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئادىل ئابلىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(ختاي)مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش تەكلىۋى بەرگەن

جۈ فېۋرال 2 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-فېۋرال نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدە، ختاينىڭ ئاتالمىش مەشھۇر ئىككى ئومۇمى يېغىنى -خەلق قۇرۇلتىي ۋە سياسى كېڭەش يېغىنى ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ختاي ھۆكۈمىتى غايەت زور تەشۋىقات كۈچىنى ئ‍شقا سىلىپ، ختاي ئىچى ۋە سرتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بىرىش، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. […]
ئادىل ئابلىز

You May Like