زىمىستان تورى: بەش يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىچكىرى تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلۈشى مۈمكىن

قىرغىنچىلىق: ۋەتەن ھەققىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تور بېكەت زىمىستان تورى خەۋىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى :

زىمىستان تورى

  2018- يىل 18- دىكابىر خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى.

2019-02-14

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

قىرغىنچىلىق: ۋەتەن ھەققىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تور بېكەت زىمىستان تورى خەۋىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى :

بەش يۈز مىڭدىن بىر مىليونغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلار خىتتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئادەمسىز رايونلارغا سېلىنىپ، يېڭىدىن پۇختا رىمۇنت قىلىنغان مەخپى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن! مىڭلىغان خىتتاي تۈرمىلىرى بىكارلىنىپ، قايتا رىمۇنت قىلىنغان، توپىلاڭغا  قارشى ئەينەكلەر، قاتتىق تۆمۈر رىشاتكىلار ئورنىتىلغان. ھەر قانداق ئادەم كەم بولغاندا تۆمۈر ۋە ئېلىكتىرونلۇق تۆت-بەش ئىشكتىن ئۆتىدۇ. مەھبۇسلار تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىلگەن. ئىچىدە بولغان ھەر قانداق ئىشنى تېشىدىكى ھەر قانداق ئادەم بىلمەيدۇ. ئون مىڭلىغان خىتتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر رايونىغا بىرىپ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قانداق قىيناشنى ئالاھىدە ئۈگەنگەن.  ئاساسلىق ئۇسۇل توك پەلەي ئىشلىتىش بولۇپ، ئۆزىنى «مەن ختتاي، پارتىيە ياخشى، دۆلىتىمنى سۆيىمەن» دىمىگەن كىشىنى قاتتىق قىينايدۇ. توك پەلەي توك كالتىكىدىن ۋەھشى بولۇپ، كىشىنىڭ مېڭىسىنى بىۋاستە قاتتىق ئاغرىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا توك جىلىتىكىسى بار بولۇپ، ئادەمنى ئۆلتۈرەلىگۈدەك كۈچلۈك توك ئۆتكۈزىدۇ. بەزى يەتمىش ياشتىن ئاشقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار خىتتايچە سۆزلىيەلمىسە  قاتتىق ئۇرۇلىدۇ. زىېمستان تورىنىڭ مەخپى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەلۇم خىتتاي ساقچى مۇنداق دىگەن: » ئۇلار كېچىمۇ –كۈندۈز ئىشكەل -كويزا بىلەن تۇرىدۇ، يۇيۇنسمۇ، كىيمىنى سالسمۇ ئېلىۋەتمەيدۇ. ئۇيغۇرچە سۆزلەش مۈمكىن ئەمەس، خىتتايچە سۆزلەشنى ئۈگىنەلمىسە ئۇرۇلىدۇ، ھاقارەت قىلىنىدۇ، توك بىلەن قىينىلىدۇ. ئەتىگەندىن كەچكىچە مىدىرلىماي ئولتۇرىدۇ، قوڭى قاپىرىپ يارا چىقىپ كەتسمۇ ، ئولتۇرغان ئورنىدىن قىمىرلاشقا بولمايدۇ. زىيادە بىخەتەرلىك تەدبىرى ۋە ۋەھشى خورلاش ئۇسۇللىرى نۇرغۇن خىتتاي ساقچىلارنىمۇ ئەنسرەتكەن. ھازىرقى ئەھۋال ۋە تەدبىرلەردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھەم بۇنى  ھىچكىم بىلەلمەيدۇ. بۇ رايوندىكى لاگىرلاردىنمۇ قاتتىق ۋەھشى . قارىغاندا كومپارتىيە بۇ ئەۋلات ئۇيغۇرلارنى تولۇق ئۆلتۈرۈپ كېيىنكى ئەۋلاتلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغان بولۇشى مۈمكىن ! مەن بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن قورقىمەن.»

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن خىتتايغا خىتاب: ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ماڭىمۇ كۆرسەت

پە فېۋرال 14 , 2019
خىتاي داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنى جازا لاگىرىدا ۋاپات بولدى دەپ تارقالغان خەۋەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سىنئالغۇ چىقارغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدا خەشتەگ #مەنمۇ ئۇيغۇر پائالىيىتىنى تېزدىن جانلاندۇرۇپ، خىتتايدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلدى.

You May Like