زالىم بىلەن بىرگە ياشاش

ئىلاۋە: 17- سىنتەبىر، فىرانسىيە دۇنيا گىزىتى قەلبىنۇر مۇئەللىم ۋە زۇمرەت داۋۇت خانىمنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن خەۋەر ئىلان قىلىندى. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنى مەن گوللاندىيە ئ‍ۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىغا ۋاكالەتەن، فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گىزىتلەردىن «دۇنيا گىزىتى» ھاۋالىسى بىلەن يازغان. خاتىرەنىڭ ئىنگىلىزچە، گوللاندچە نۇسخىسى تەييار، ئەرەبچىسىنى ئاگىنتلىقىمىز ئەرەبچە بۆلۈمى جىددىي تەييارلاۋاتىدۇ. خاتىرە بىرىنجى شەخىس تىلىدا يىزىلدى.

ئەردەم

 

2020-8-3

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ئىلاۋە: 17- سىنتەبىر، فىرانسىيە دۇنيا گىزىتى قەلبىنۇر مۇئەللىم ۋە زۇمرەت داۋۇت خانىمنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن خەۋەر ئىلان قىلىندى. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنى مەن گوللاندىيە ئ‍ۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىغا ۋاكالەتەن، فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گىزىتلەردىن «دۇنيا گىزىتى» ھاۋالىسى بىلەن يازغان. خاتىرەنىڭ ئىنگىلىزچە، گوللاندچە نۇسخىسى تەييار، ئەرەبچىسىنى ئاگىنتلىقىمىز ئەرەبچە بۆلۈمى جىددىي تەييارلاۋاتىدۇ. خاتىرە بىرىنجى شەخىس تىلىدا يىزىلدى.

 

 

 

زالىم بىلەن بىرگە ياشاش

 

 

 

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنى نامىدا پائالىيەت قىلىش ئەسلى يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئىش بولۇپ، ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلار، كادىرلار 5 -ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنى دەپ ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتداشلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزەتتۇق. بىراق 2016- يىلىدىن باشلاپ باشقىچە تۈس ئىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 2017- يىلى 5 -ئايدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنى ھەپتىگە ئايلاندى ۋە بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە «بەشتە بىرگە بولۇش : بىرگە ياشاش، بىرگە تاماق ئىتىش، بىرگە تاماق يېيىش، بىرگە ئۆگىنىش قىلىش، بىرگە ئۇخلاش» دەپ بەش بىرگە بولۇش سىياسىتى مائارىپ ئىدارىسى ۋە يەرلىك ئاھالە كومىتىتلاردىن ھۆججەتلىك قەغەز بىلەن سىياسىي ۋەزىپە شەكلىدە ئۇقتۇرۇلدى. مەن بىرگە ئۆگىنىش، بىرگە تاماق يېيىش دىگەنلەرنى چۈشەنسەممۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى، ئاياللار بىلەن ئەرلەرنى قوشماق تۇغقان قىلىدىغانلىقى، نېمىشقا بىر ئۆيدە بىرگە ياشاپ، بىرگە ئۇخلايدىغانلىقىدىن بەك چۆچىگەن ۋە دەرگۇمان بولغان ئېدىم.

 

ھۆججەت چۈشكەندىن كىيىن،  ھەر قايسى ئىدارە- ئورگان، مەھەللە كومىتىتلار ئۆز دائىرىسى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا باشقا مىللەتلەردىن «قوشماق تۇغقان» ئورۇنلاشتۇردى. «قوشماق تۇغقانلار» دەسلەپتە ھەر ئۈچ ئايدا بىر ھەپتە بىرگە تۇرۇش بەلگىلەنگەن بولۇپ، كىيىن بىراقلا ھەر ئايدا بىر ھەپتە بىرگە تۇرۇش بەلگىلەندى. ئەرلەرگە ئاياللار، ئاياللارغا ئەرلەر قوشماق تۇغقان قىلىناتتى، تاللاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقىمىز يوق بولۇپ، مەجبۇرىي ئىدى، رەت قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتۇق.

 

بىزنىڭ مەكتەپتە مەخسۇس ئىشخانا قۇرۇلۇپ، ئىشخانىغا مەخسۇس ئىككى خادىم تۇرغۇزۇلدى. بۇ ئىككى خادىم قوشماق تۇغقانلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ خاتىرەلەيديغان بولۇپ، بىز ئۇ بىر ھەپتە ئ‍ىچىدە ھەر كۈنى بىر قىتىم بىرگە رەسىمگە چۈشۈپ، مۇناسىۋەتلىك كادىرلارغا يوللاپ بىرىشىمىز كىرەك ئىدى. بىر كۈنى ئاش ئەتكەننى، بىركۈنى تاماق يىگەننى، بىر كۈنى بىرگە ياتقان، بىر كۈنى بىرگە ئۆگىنىش قىلغاننى رەسىمگە تارتىپ يوللايتۇق، رەسىم يوللانمىسا ئىناۋەتسىز. ھەر بىر قوشماق تۇغقان جەدۋەللەشتۈرۈلۈپ ساقلىنىدۇ، مەخسۇس ئىشخانىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈلىۋالىدۇ.  ئۇندىن باشقا يەنە جەدۋەل توشتۇرۇپ، تەسىراتىمىزنى يىزىشىمىز كىرەك ئىدى.

 

ماڭا قوشماق تۇغقان بولغان خىتاي ئېرىمنىڭ ئىدارىسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىرىمنىڭ باشلىقى ئېدى. ئۇ 2017- يىلى 5 -ئايدىن 2019- يىلى 3- ئايغا قەدەر بىزنىڭ قوشماق تۇغقان بولدى. ئۇ  56 ياشلىق، ئۆيلەنگەن، ئ‍وقۇغان خىتاي ئىدى. بىزنىڭ ئۆيگە بىر – ئىككى قىتىملا ئايالى بىلەن كەلگەندىن باشقا ۋاقىتتا ئۆزىلا كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تاماقلىرىغا ئامراقلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئامراقلىقىنى تولا ئىيتاتتى. بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە ماڭا پوخۇرلۇق قىلاتتى، تاماق ئىتىشنى ئۆگەنگەن باھانىدا « ماڭا چۈمۈچنى تۇتۇشنى، پىچاق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قوي» دەپ قوللىرىمنى تۇتۇۋالاتتى. تامىقىمنى ماختىغان بولۇپ قۇچاغلىۋالاتتى. بىزنىڭ ئۆيدە ئېسسىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۇسار ئىشتان-مايكىلىرىنى سېلىۋىتىپ، كۇسار بىلەنلا يالىڭاچ ئولتۇراتتى. تاماق ۋاقتىدا، ئۆگىنىش ۋاقتىدا ئېرىمنىڭ ئالدىدىلا ماڭا چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ، مۈرەمگە گىرە سېلىپ ئولتۇرۇۋالاتتى. ئېرىم ياكى مىنىڭ چىرايىمنىڭ ئۆزگەرگىنىنى كۆرسە، « مىنى ياقتۇرمايدىكەنسەن» دەپ تۇرىۋالاتتى. مېنى ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلايتتى. ئېرىمنىڭ ئالدىدا مىنىڭ گۈزەللىكىمنى ماختاپ، ئىڭەكلىرىمنى ئەكىلەتمەكچى بولاتتى. مەن بىر باھانىلەرنى قىلىپ قوپۇپ كىتەتتىم، ئىرىم يېنىمدا بولمىسا تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشاتتى، بەك ئەنسىرەيتىم.  ئىرىم بىلەن ئىككىسىگە بىر ئ‍ۆيگە يوتقان سېلىپ بەرسەم، يەنە مىنىمۇ بىرگە يېتىشقا ئۈندەيتتى. مەن چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇنىمايتتىم.

 

جەنۇبتىكى رايونلاردا خىتاي كادىرلار ئەرلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنى تولا ئاڭلىغان ئىدۇق، ماڭا «تۇغقان» خىتاي كادىرمۇ شۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئىيتىپ، مېنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ئۈندەيتتى. ئۇ خىتاي ماڭا جەنۇپقا قوشماق تۇغقان بولۇپ چۈشكەن خىتايلارنىڭ ئالاھىدە كۈتۈنۈشتىن بەھرىمان بولغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللار ئۇلارنى ئالامەت ياخشى كۈتىۋالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى رەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلارنى بەك ھوزۇرلاندۇرغانلىقىنى ماختاپ، مىنىمۇ شۇنداق قىلىشقا قىستايتتى. ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرى پۈتۈنلەي پەسكەش ئىشلار بولۇپ، مەن قەستەن چۈشەنمەسكە سېلىپ، ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچاتتىم. ئەگەر مەن 50 ياشقا كىرگەن، ئىرى بار، ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان كادىر ئايال بولمىغان بولسام، ئەگەر مەنمۇ جەنۇپتا ياشايدىغان ئاددىي بىر ئائىلە ئايالى، ئۆيىدە ئەر كىشى بولمىغان ناتىۋان ئايال بولغان بولسام، ئۇ چوقۇم ماڭا ياۋۇز نېيىتىنى ئاشكارىلاپ، مىنى مەجبۇرلىغان بولاتتى. ئۇنىڭدىن ماڭا ئۆلۈم ئەۋزەل ئىدى.

 

خىتاي كادىر بىزنى دائىم گەپكە سىلىپ،  تازا پاراڭ قىززىغاندا دىن توغرۇلۇق، كومپارتىيە توغرۇلۇق، خىتايغا بولغان قارىشىمىز توغرۇلۇق تىڭ-تىڭلايتى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ھۆكۈمەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بلەن قەتئىي دىنغا ئىشەنمەيدىغانلىقىم، ئاتا- ئانام، يولدۇشۇمنىڭمۇ دىندىن خەۋىرى يوقلۇقى، كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى بەك قوللايدىغانلىقىمغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشاتتىم. ۋەزىيەت جىددىي بولغاچ بىزنىڭ ئ‍ۆيدە 2016- يىلىلا بارلىق دىنىي كىتابلار، تۈركىيە كىنو- ناخشىلىرى تۈگۈل، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ كەلگۈسىدە بىشىمىزغا بالا بولماسلىقى ئۈچۈن بىرتەرەپ قىلىۋەتكەن ئىدۇق. ئۇنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي خىتايچە دەرسلىك كىتابلار، سىياسىي ئۆگىنىش كىتابلىرىنى تىزىپ قويغان ئىدىم. ئۇ يەنە مىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم، جەددى -جەمەتىمگىچە سورايتتى. ئۆزبەك تۇغقانلىرىمنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، «ئۆزبەك ئاياللىرى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ھوزۇرلۇق – ھە» دەپ  تېتىقسىز پاراڭلارنى سالاتتى. 

 

خىتاي كادىرنىڭ ئوقۇغان، ھوقۇقدار كادىر تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمەتدىشى بولغان ئېرىمنىڭ ئالدىدا ماڭا پوخۇر چاقچاقلارنى قىلىشى مېنى تولىمۇ سەسكەندۈرەتتى. ئۇ بىزگە ئالغاچ كەلگەن بىرەر كىلو مىۋە ياكى ياغ- گۈرۈچسىزمۇ ھاياتىمىز گۈلدەك ئۆتەتتى، ئەكسىنچە ئ‍ۇنىڭ ئالغاچ كەلگەن نەرسىلىرى مىنى تېخىمۇ بىئارام قىلاتتى.

 

ئۈرۈمچى تەۋەسىدىمۇ ئۇيغۇر ئاياللارغا خىتاي كادىرلار پوخۇرلۇق، باسقۇنچىلىق ئىشلىرى  كۆپەيگەندىن كىيىن،  2018- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ ھەر 3 كادىر ئايال بىر گۇرۇپ بولۇپ خىتاي كادىرلارنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى. بۇ پەقەت ئۈرۈمچىدىكى كادىرلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، باشقا يەرلەردە ئۇنداق تۈزۈم بارلىقىنى ئاڭلىمىدۇق. بولۇپمۇ جەنۇب تەرەپتە ئۇنداق قىلىشى تەس.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى «ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش» دائىرىسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن

پە سېنتەبىر 17 , 2020
گېرمانىيە ئاۋازىئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020- يىلى 15- سىنتەبىرتەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجانئۇيغۇرئاگېنتلىقى2020- يىلى 17- سىنتەبىر بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، كىيىم-كېچەك، پەمىدۇر قاتارلىق بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ئەمما 14- سىنتەبىر جاكارلانغان چەكلەش بۇيرۇقى ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك كەڭ دائىرىدە بولمىغان. (گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى) ئامېرىكا تاموژنا […]

You May Like