يۈسۈپجان ئەمەتنى قەستلەش دېلوسىغا ئائىت ئىككى گۇماندار قولغا ئېلىندى

ئ‍ستانبۇل ئاۋجىلار مەھەللىسدە 2- نويابىر كۈنى ئۇيغۇر يۈسۈپجان ئەمەتكە قوراللىق ھۇجۇم قىلدى دەپ قارالغان ئىككى گۇماندار قولغا ئېلىنغان.

ئ‍افراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
26- نويابىر، ئ‍ستانبۇل

 

ئ‍ستانبۇل ئاۋجىلار مەھەللىسدە 2- نويابىر كۈنى ئۇيغۇر يۈسۈپجان ئەمەتكە قوراللىق ھۇجۇم قىلدى دەپ قارالغان ئىككى گۇماندار قولغا ئېلىنغان.

 

بىر گۇماندارنىڭ تۇتۇلۇش جەريانى ساقچىلارنىڭ كامىراسغا ئېلىنغان بولۇپ، ۋىدىئو ساباھ گېزىتى تورىدا ئېلان قىلىنغان.

 

كۈچۈك چەكمەجە جەننەت مەھەللىسىدە 11- نويابىر ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەتتە، گۇماندار ئازەربەيجان ۋەتەندىشى ئالىيۋ قولغا ئېلىنغان بولۇپ، يەنە بىر گۇماندار ئ‍ۆزبەكستانلىق ئۆمەر ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئارقىلىق 20- نويابىر قولغا ئېلىنغان. ئالىيۋ ھەققىدە بېرىلگەن يەنە بىر خەۋەردە، ئۇنىڭ يۈسۈپجان بىلەن ئىقتىسادىي ئېلىم – بېرىمى بارلىقى، شۇڭا ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئۆمەر ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

 

مەزكۇر دېلو تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللانغان بولۇپ، ئىككى گۇماندار ھازىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

 

جىنايەتچىلەرنىڭ سۆزىنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئ‍سپاتلاش پاكىت ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يۈسۈپجان ھازىرمۇ دوختۇرخانىدا، ئەھۋالى ئېغىر.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەزكۇر دېلو ھەققىدە داۋاملىق خەۋەر بېرىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تۈرك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يۈجەل تانايغا سوت ئېچىلدى

پە نويابىر 26 , 2020
26- نويابىر ئىستانبۇل باكىر كۆي سوت مەھكىمىسىدە خىتاي ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلۈدە ئەزىزنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، تۈرك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يۈجەل تاناي ئ‍ۈستىدىن قىلىنغان شىكايىتىگە سوت ئېچىلدى.

You May Like