يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆيدە ئولتۇرماي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان يېڭى زېلاندىيە سەھىيە مىنىستىرى جازالاندى

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جەسىندا ئاردېرن 7- ئاپرېل شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت بىردە خەلققە بەرگەن دوكلاتىدا، دۆلەتنىڭ ھازىر يۈرگۈزىۋاتقان 4- دەرىجىلىك كونترول بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان سەھىيە مىنىستىرى داۋىد كلاركنى جازالاپ، ئەمىلىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ خاتالىقى بولسا «ئۆيدە ئولتۇرۇش، سرتتا زۆرۈر بولمىغان ئىش- پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماسلىق» بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ئائىلىسى بىلەن ئۆيىدىن يىگىرمە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز ساھىلىغا بارغانلىقىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 7-ئاپرىل

 

خەۋەر تەييارلىغۇچى: تارىم قىزى

 

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جەسىندا ئاردېرن 7- ئاپرېل شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت بىردە خەلققە بەرگەن دوكلاتىدا، دۆلەتنىڭ ھازىر يۈرگۈزىۋاتقان 4- دەرىجىلىك كونترول بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان سەھىيە مىنىستىرى داۋىد كلاركنى جازالاپ، ئەمىلىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ خاتالىقى بولسا «ئۆيدە ئولتۇرۇش، سرتتا زۆرۈر بولمىغان ئىش- پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماسلىق» بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ئائىلىسى بىلەن ئۆيىدىن يىگىرمە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز ساھىلىغا بارغانلىقىدىن ئىبارەت.

 

دۈنېدىن شىمالىي رايونىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان بۇ مىنىستىر ئۆتكەن ھەپتىمۇ بىر قېتىم ئوخشاش سەۋەنلىك تۈپەيلى ئەيىبلەنگەن بولۇپ، قىلمىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان ئىدى. قايتا سادىر بولغان خاتالىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، داۋىد كلارك بۈگۈن ئەتىگەن باش مىنىستىر جەسىندا ئاردېرنغا ئىستىپانامە سۇنغان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەھىيە مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ھۆكۈمەتنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىگە ماسلىشىپلا قالماي يەنە ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق خەلققە ئۈلگە بولۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇ ئەخمىقانە قىلمىشىم ئۈچۈن مېنىڭ ئۆزەمنى ئاقلىغۇدەك ھېچ باھانەم يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىپا بېرىشىم كېرەك دەپ قارىدىم.»

 

باش مىنىستىر دوكلاتىدا ئومۇمخەلق بىرلىكتە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە داۋىد كلاركنىڭ قىلمىشىدىن ناھايتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە ئۇنى چوقۇم جازالىنىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ سەھىيە مىنىستىرىنى خىزمەتتىن بىراقلا بوشىتىشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددى خىزمەتكە نىسبەتەن تولۇقلىماق تەس بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىپ، مەمۇرى ئورنىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «مەن ئاڭلىقلىقنى تەلەپ قىلىمەن، پۈتۈن يېڭى زېلاندىيەمۇ شۇنداق» دېدى جەسىندا.

 

يېڭى زېلاندىيىدىكى تۇنجى خىتاي ۋىرۇسى بىمارى 27- فېۋرال كۈنى بايقالغان بولۇپ، تاكى تەبىئىي ئاپەت ۋە ئالاھىدە ئەھۋالدا يۈرگۈزۈلىدىغان، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى يۈرۈش- تۇرۇشنى چەكلەش بۇيرۇقى بولغان 4- دەرىجىلىك كونترول ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان 23 – مارتقا قەدەر، ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 102 گە يەتكەن. گەرچە بىرمۇ ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ كەڭ كۆلەملىك يامراپ كېتىشىنى توسۇش، ئالدىنئالا ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىپ خەلقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، 48 سائەتلىك جىددى تەييارلىقتىن كېيىن، يەنى 26- مارت سەھەر سائەت نۆلدىن باشلاپ بۇ چەكلىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە پۈتۈن دۆلەت خەلقىدىن بۇ بۇيرۇققا تاكى ۋىرۇس تىزگىنلىنىپ، خەتەر ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 

4- دەرىجىلىك كونترول بۇيرۇقىنىڭ كونكىرت مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: كىشىلەر ئىمكانقەدەر ئۆز ئۆيلىرىدە بولۇشى، مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا زۆرۈر ھېسابلانمىغان ھەر قانداق سودا – تىجارەت ئورۇنلىرى بىردەك تاقىلىشى، سەھىيە ئورۇنلىرى پەقەت ئەھۋالنىڭ جىددىيلىك خاراكېترىگە ئاساسەن مۇلازىمەت قىلىشى، ھاۋا يوللىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى پەقەت ۋە پەقەت زۆرۈر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئورۇنلار ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىشى كېرەك.

 

7- ئاپرېلدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەر يېڭى زېلاندىيىدىن يۇقۇم سەۋەبلىك چېگرا ئېغىزلىرىدا يۈرگۈزىۋاتقان چەكلىمىنى بىر ئاز بوشىتىپ، ئۆز- ئارا ئۆتۈشمە ۋىزا كېلىشىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغان. يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ مەنزىللىرىگە بىخەتەر يېتىۋېلىشگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بۇ تەلەپلەرگە ماسلىشىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ خىلدىكى ئۆتۈشمە ۋىزا ئىگىلىرىنىڭ پەقەت ئايروپورتتىلا كۈتۈلۈپ، مەزكۇر دۆلەت ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

دۆلەتلىك ئوبزور:خىتايغا قانداق تۆلىتىمىز؟

سە ئاپرېل 7 , 2020
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايغا سېتىلدى ، ئەمما بىزنىڭمۇ سېتىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيەت يۈزلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىنىڭ بىرى قانداق قىلىپ خىتاينى ئۆزىنىڭ بارلىق كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرى ۋە دۇنيا خەلقىگە كەلتۈرگەن زىيانلىرىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتلىرى ئۈستىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىش مەسىلىسىدۇر.

You May Like