ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنىلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزدى.
تۇرسۇنجان تۇراپ
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2020- يىلى 20-دېكابىر
ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلاربىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا دۇنيادىكى نەچچە مىڭ يەھۇدىي قاتناشتى. يىغىنغا ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى رىياسەتچىلىك قىلدى.
يېغىننىڭ ئاساسلىق مەقسدى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي كرىزىسنىڭ ئېغىرلىقىنى يورۇتۇش، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەيداندا تۇرۇش ئىرادىسى، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلالايدىغان ھەرىكەت تۈرلىرى قاتارلىقلار بولغان.
يېغىندا 4 يەھۇدىي، 4 ئۇيغۇر ئاساسىي تېما ھەققىدە سۆز قىلغان بولۇپ، لوندوندىن ئۇيغۇر زىيالىسى رەھىمە مامۇت، ۋاشىنگتوندىن ئۇيغۇرئاگېنىتلىقى مەسئۇلى، ئۇيغۇر زىيالىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، ئادوۋكات رەيھان ئەسەت، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن مۇستاپا ئاقسۇ قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان.
يەھۇدىي زىيالىيلىرى ئۈچ نەپەر زات بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خۇددى تارىختا يۈز بەرگەن يەھۇدىي قەتلىئامىغا ئوخشاش، قەتئىي سۈكۈت قىلغىلى بولمايدىغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى، يەھۇدىيلارنىڭ بۇ جىنايەتكە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيتى بارلىقىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش – ھەر بىر يەھۇدىينىڭ مەسئۇلىيتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە كۆز-قاراشلىرنى تونۇشتۇردى.
يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ئۆتكەن ئىككى يىلدا تېز سۈرئەتتە ئاشقان بولۇپ، ئاۋال يەھۇدىي زىيالىيلىرى، ئاندىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى يەھۇدىي كۆچمەنلىرى، كېيىن يەھۇدىي دىنى ساھەسدىكىلەر ئارقىمۇ-ئارقا ئوتتۇرىغا چىقتى. ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارئۈچۈن قۇرۇلغان يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى 7 گە يەتكەن بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش، ئۇيغۇر مەسلىسنى ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرنى قوزغاش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا داۋاملىق ھەرىكەت قىلماقتا.