يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكىتى

بۈگۈن نيۇيورك يەشۇئا ئۇنىۋېرستېتىدا رابباي جوزىف بىلاۋ بىلەن «ئۇيغۇر ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇش بېرىمىز.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 25- ئۆكتەبىر

 

بۈگۈن نيۇيورك يەشۇئا ئۇنىۋېرستېتىدا رابباي جوزىف بىلاۋ بىلەن «ئۇيغۇر ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇش بېرىمىز.

 

يەھۇدىيلار ئارىسدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىك، مەدەنىيەت، سياسىي ئەھۋالىنى تونۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

ئىككى يىلدىن بىرى بۇ ھەقتە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيا بويلاپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە ھۆكۈمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىغا بىۋاستە سەۋەب بولماقتا.

 

مەن بىلىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ كۆپ قسمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ناھايتى ئەستايىدىل چۈشنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە «قانداق قىلغاندا ئۆز بېشغا كەلگەن قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ؟» سۇئالى بۇلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسى!

 

ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: يەشۇئا ئۇنېۋىرسېتىتى
تېمىسى: يەھۇدى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكىتى
سۆزلىگۈچىلەر: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
رابباي جوزىف بىلاۋ
ۋاقتى: 25-ئۆكتەبىر

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تارىخىي بۇرۇلۇش: ھەر ئىككى پارتىيەدىن ئەزالار «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»دەپ تونۇش قانۇن لايىھسنى ئوتتۇرىغا قويدى!

سە ئۆكتەبىر 27 , 2020
دېموكراتلار پارتيسدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى مەنەندەز ۋە جەف مەركلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيسدىن جون كورنىين ۋە ماركۇ رۇبىئۇ قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇش ۋە قارشى ھەرىكەت قوللىنىش قانۇن لايىھەسنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى سايلامدىن كېين مۇزاكىرىگە قويۇلىدىكەن. ئەگەر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان بولىدۇ ۋە دۇنياۋى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن سياسىي، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ۋاستىلەرگىچە پرېزدېنتنىڭ ئىجرا قىلىشى مەسئۇلىيەتكە ئايلىنىدۇ!

You May Like