ياۋروپا ئىتتپاقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلا ۋاقتتا تۈركىيەنى جازالىدى

دۈشەنبە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ 2017- يىلى روسيەدىن سېتىۋالغان مۇداپىئە سىستېمىسى سەۋەبلىك تۈركىيە مۇداپىئە قىسمى ۋە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارغا قارشى جازا ئېلان قىلدى.

تۇرسۇنجان تۇراپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 14- دېكابىر

 

دۈشەنبە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ 2017- يىلى روسيەدىن سېتىۋالغان مۇداپىئە سىستېمىسى سەۋەبلىك تۈركىيە مۇداپىئە قىسمى ۋە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارغا قارشى جازا ئېلان قىلدى.

 

تۈركىيە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ناتو ئېتتىپاقدىشى بولۇپ، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا تۈركىيە ئىقتىسادى ئىنتايىن ناچارلاشتى. بۇنداق بىر پەيتتە نېمىشقا تۈركىيەنى جازالايدۇ؟

 

ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلارنىڭ ئاخباراتى بولغان «ۋول سچرىت» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەردوغاننىڭ  سۈرىيە، لىۋىيە، ئەزەربەيجان، ئاق دېڭىزدا گرېتسىيەگە بولغان ھەربى مۇداخىلىسىنىڭ كۈچىيشگە ئەگىشپ، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىششى، رۇسىيە بىلەن ھەربىي ئالاقىسىنىڭ چوڭقۇرلىششى ناتونىڭ يىراق كەلگۈسىدىكى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور تەھدىت دەپ قارالدى.

 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچلەر پارتىيسى بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئەنقەرەنى جازالاشقا مەجبۇرلاپ كەلگەن بولۇپ، ترامپ ئ‍ۆزىنىڭ ئەردوغان بىلەن مۇناسۋىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، جازالاشنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.

 

بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ F35 كۆرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋىلىش ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىسغا ئېرىشىشنى قەتئىي چەكلەيدۇ. نازۇك ھەربىي تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىگە يولغا قويمايدۇ.

 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرىغا نەچچە قېتىم «رۇسيەنىڭ S400 مۇداپىئە سىستېمىسى ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئەسكەرتكەن ئىدۇق، ئەمما تۈركىيە ئاڭلىمىدى.»

 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ بۇ جازا چارىسىغا قارشى تەدبىر قوللىنىمىز ۋە ئۆچ ئالىمىز، دېدى.

 

رۇسيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگى لاۋرو مۇنداق دېدى: بۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا قارشى ھاكاۋۇرلارچە ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇداپىئە ۋە ئاخبارات كومىتېت رەئىسلىرى تۈركىيەگە قارشى تېخىمۇ كەسكىن جازا تەدبىرلىرىنى ئويلىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

مۇنازىرە: ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا قەد كۆتۈرەلەيدۇ ؟(1)

دۈ دېكابىر 21 , 2020
ئىلاۋە:ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدا تاريخى مەۋجۇتلۇق كىرزىسدە تۇرىۋاتىمىز، بىرلىككە كەلگەن سياسى ئاپپارات يوق، كۇچلەر تارقاق، ئېقتسادى ئاساسى ئاجىز، بۇنداق بىر پەيتتە ئۆزىمىزنى قانداق كۇچلەندۇرىمىز؟ قەد كۆتۇرۇشمىز ئۇچۇن نىمە لازىم؟ دىگەن تېمىلار ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرى، ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى توپلىرىدا ئاممىباب مۇنازىرە قوزغىدۇق، ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. پىكرى ئ‍ۆزىگە مەنسۇپ. ئىنتىرنىتقا يوللانغاندىن كېين قوشۇلغان مۇنازىرلەرنى داۋاملىق قسملارغا بۆلۈپ كۆپچىلىككە سۇنىمىز.

You May Like