ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ئىمبارگۇ ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ئىمبارگۇ ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 22-مارت خەۋىرى

 

ئارمان

 

22- مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىدا قارار ماقۇللىنىپ، خىتاينىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارى ۋە بىر ئورگىنىغا قارشى رەسمى ھالدا ئىمبارگۇ يۈرگۈزگەن. ڧرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مەزكۇر ئىمبارگۇ تىزىملىكىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر كىرگۈزۈلگەن: ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىن گو، شۇنداقلا سابىق نازىرى يۈ مىڭ شەن، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق پاتىكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پارتىكوم سېكىرتارى ۋاڭ جۈن، ئاتالمىش شىنجاڭ سىياسى قانۇن كومىتىتى سېكىرتارى جۇ خەيلۇن قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ لار بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. مەلۇم بولىشىچە بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتايغا قارشى ئىمبارگۇ يۈرگۈزىشىكەن.

 

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە بۈگۈنكى ئىمبارگۇ تىزىملىكىگە يەنە بېرما ۋە تۈركىيەدىكى بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا: تىزىملىكتىكى شەخىس ياكى ئورگانلارنىڭ ياۋروپادىكى بارلىق بانكا ھېساباتلىرىنى توڭلىتىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ شىنگېن ۋىزىسىنى بەرمەسلىك قاتارلىقلار ئىكەن.

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۈگۈن ئوخشاش ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، ۋە 10كىشى 4 ئورگاننى ئۆزئىچىگە ئالغان تىزىملىك ئېلان قىلىپ ئۇلارغا قارشى ئىمبارگۇ يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە تونۇشلۇق بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھەركىتى قوللىغۇچىسى ڧرانسىيەلىك راڧائەل گلۇكىسمەن. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زېنىس قاتارلىقلار بار ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

«بىلىم - كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇنجى سانى نەشىر قىلىندى

دۈ مارت 22 , 2021
«بىلىم - كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇنجى سانى نەشىر قىلىندى

You May Like