ئۇيغۇر ئاگېنلىقى
تەييارلىغۇچى: سەبرى
2020-يىلى 27-مارت
تۈركىيەدە ياشاپ ئۇيغۇرچە ھەم تۈركچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شائىر ئىمران سادائىنىڭ شېئىرلىرى تۈرك دۇنياسىدىكى شائىرلارنىڭ تارىخى ۋە شېئىرلىرىدىن تاللانما ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. بۇ توپلامغا 13-قېتىملىق خەلقئارالىق شېئر پائالىيىتىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئىشتىراك قىلغان شائىرلار تاللانغان.
![](http://iuyghur.com/wp-content/uploads/2020/03/79194709_1141277562728835_4415442180919787520_o-1280x853.jpg)
2003-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئىمران ئابدۇغېنى سادائىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالغاندىن كېيىن قارىلىقىنى تاماملىغان. ئۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن 2016-يىلى ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن.
![](http://iuyghur.com/wp-content/uploads/2020/03/73288202_572533053552477_9189821629239132160_n.jpg)
شائىر ئىستانبۇلدا يالغۇز كىشىلىك شېئىر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن. 2019-يىلى شائىرنىڭ «تامچە» ناملىق تۇنجى تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان.