خۇاۋىي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نېمىشقا تۇتۇلدى؟

1- دىكابىر خىتاي ئېلىكتىر- ئالاقە كاتتابېشى خۇاۋىي گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇ كانادادا تۇتۇلدى، ئامېرىكا بۇ ئايالنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا نىمىشقا خۇاۋىي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنى تۇتىدۇ؟

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-12

  1- دىكابىر خىتاي ئېلىكتىر- ئالاقە كاتتابېشى خۇاۋىي گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇ كانادادا تۇتۇلدى، ئامېرىكا بۇ ئايالنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا نىمىشقا خۇاۋىي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنى تۇتىدۇ؟   بۇ دىلونىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىككى شىركەت ۋە بىر بانكىغا چېتىشلىق. ئىككى شىركەتنىڭ بىرى خۇاۋىي شىركىتى، يەنە بىرى بولسا شىياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق شىڭتۇڭ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى. مىڭ ۋەنجۇ ئىلگىرى بۇ شىركەتنىڭ چوڭ پايچىكى ۋە مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان. تىلغا ئېلىنغان بانكا بولسا ئامېرىكىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان نامەلۇم خەلقئارالىق پۇل- مۇئامىلە ئورگىنى. مەزكۇر نامەلۇم پۇل- مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇاۋىي شىركىتى ئۆزىنىڭ تارماق شىركىتى شىڭتۇڭ تېخنىكا شىركىتى ئارقىلىق ئىراندىن مەبلەغ يۆتكەپ، پۇل يۇيۇش قىلمىشلىرىغا قاتناشقان.   2013- يىلى، ئامېرىكا مىڭ ۋەنجۇنى ئىرانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن لاھىيەسىگە بويسۇنماستىن، شىڭتۇڭ شىركىتى ئارقىلىق پۇل يۇيۇش ئىشلىرىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن سوتلىغان. مىڭ ۋەنجۇ سوراقتا شىڭتۇڭ شىركىتىنىڭ خۇاۋىي شىركىتى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن شىڭتۇڭ شىركىتىنىڭ پايچەكلىرىنى باشقا شىركەتكە سېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، شىڭتۇڭ شىركىتى خۇاۋىي شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى، پايچىكىنى سېتىپ بەرگەن يەنە بىر شىركەتمۇ خۇاۋىي شىركىتى تارمىقىدىكى شىركەت بولۇپ، ئوڭ يانچۇقتىن ئېلىپ، سول يانچۇققا سالغاندەكلا ئىش بولغان.  2017- يىلى، خۇاۋىينىڭ ئامېرىكىدىكى تارماق شىركىتى تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن، خۇاۋىي شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان.   ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2010- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خۇاۋىي شىركىتى تارماق شىركەت شىڭتۇڭ ئارقىلىق ئىران بىلەن سودىنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان چەكلەنگەن توختاملارنى تۈزگەن. 2018- يىلى 1- دىكابىردا كانادا ھۆكۈمىتى مىڭۋەنجۇنى قولغا ئالغان. 10- دىكابىر خىتاي ھۆكۈمىتى سابىق كانادا دىپلومات خادىمى مايكىل كوۋرىگنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.  11- دىكابىر، كانادا سوت مەھكىمىسى خۇاۋىي گۇرۇھى مۇئاۋىن مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرتلىك ھالدا كېپىللىككە قويۇپ بەرگەن. كېپىللىك شەرتىدە مىڭ ۋەنجۇ كانادا ھۆكۈمىتىگە 10 مىليون كانادا دوللىرى تۆلىشى، بۇنىڭ ئارىسىدا 7.5 مىليون دوللار نەق پۇل بولۇشى، مىڭ ۋەنجۇ ۋانكوۋىردىكى تۇرالغۇسىدا تۇرۇشى، پۇتىغا ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى تاقىشى، بېكىتىلگەن دائىرىدە ھەركەت قىلىشى، پاسپورتىنى تاپشۇرۇشى، بىكىتىلگەن قوغدىغۇچى شىركىتىدىن ئادەم ياللاپ ھەر ۋاقىت كۆزەتچىلىككە قويۇشى، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، بۇيرۇلغان ۋاقىتتا سوتقا چىقىشى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. ئىگىللىنىشىچە، مىڭۋەنجۇ  6- فېۋرال قايتىدىن سوتقا چىقىدىغان بولۇپ، ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى يەنىلا شەكلىك مەسىلە بولۇپ قالغان. ئاشكارىلىنىشچە، مىڭۋەنجۇنىڭ 8 دانە پاسپورتى بار بولۇپ، 5ى خىتاي پاسپورتى، 3ى شىياڭگاڭ پاسپورتى ئىكەن.     پايدىلانغان مەنبە   http://www.epochtimes.com/gb/18/12/11/n10904250.htm   https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-46533135        

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

قاتار دۆلىتى ئىلتىجا قىلغۇچىلارغا -سىياسىي پاناھلىق بېرىش ھەققىدە يېڭى قانۇن ماقۇللىغان

چا دېكابىر 12 , 2018
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قاتار ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەسمىي باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

You May Like