ختتاي ئېقتسادى: خىتايدا چوشقىلار ئۇچماقتا

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئىلان قىلىشىچە خىتايدا چوشقا گۆشنىڭ توپ باھاسى 22-ئاۋغۇستىن 28-ئاۋغۇستىقىچە بىر ھەپتىدە%11ئۆسۈپ كەتكەن. بۇ باھا ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش ئاينىڭ باھاسىغا قارىغاندا %52.3ئۆسكەن.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى : سايئوغلى

2019-8-29

خىتايدا چوشقىلار ئۇچماقتا

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئىلان قىلىشىچە خىتايدا چوشقا گۆشنىڭ توپ باھاسى 22-ئاۋغۇستىن 28-ئاۋغۇستىقىچە بىر ھەپتىدە%11ئۆسۈپ كەتكەن. بۇ باھا ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش ئاينىڭ باھاسىغا قارىغاندا %52.3ئۆسكەن. چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى  يىل بېشىدا ئاۋۋال چۈشۈپ ئارقىدىن ئۆسكەن بولۇپ 4-ئايدىن 7-ئايغىچە ئۆسۈش نىسپىتى مۇنداق بولغان %18.2%،14.4، %21، %27، سەككىزىنچى ئايدا بىراقلا يۇقرى كۆتۈرۈلگەن. خىتايدا چوشقىلارنىڭ بۇنداق «ئۇچىشىدىكى » ئاساسلىق  سەۋەپ ئافرىقىدىكى چوشقا كېسىلى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغا سودا ئۇرۇشى ھىساپلىنىدىكەن. بۇ قېتىم ئامېرىكا تاماژنا بېجىنىڭ 25%يۇقىرى كۆتۈرلىشى بىلەن چوشقا گۆشىگە قوشۇلغان بارلىق باج  60%بولغان. خىتاي ئۆزى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چوشقا بېقىش ۋە ئىستىمال قىلىش دۆلىتى، ياۋرۇپا ئىككىنچى، ئامېرىكا ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي 2014-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىغان چوشقا گۆشىنى ئازلاتقان بولۇپ، سودا ئۇرۇشىدىن كېيىن تېخىمۇ ئازلاتقان . ئەمما خىتايدىكى چوشقىلارنىڭ كۆپىيشىنىڭ ئازلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن يەنىلا ئىمپورت قىلىشتىن قۇتۇلالمىغان. ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ بازار ئىھتىياجىغا قارىتا بىرازىليە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرمۇ چوشقا گۆشىنىڭ باھاسىنى بىراقلا ئۆستۈرۋەتكەن. چوشقا گۆشى خىتاينىڭ يېمەك -ئىچمەك ساھاسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ساھە بولۇپ خىتاي بازىرنىڭ CPIنى ئۆستۈرۋەتكەن. CPIزەنجىرسىمان ھالەتتە خىتاي پۇلىنىڭ پاخاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل. خىتايدا ھازىر ئامېرىكىغا قارشى «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركەتلىرى» قانات يايدۇرلىۋاتقان بۇ مەزگىلىدە  شاڭخەيدە ئېچىلغان ئامېرىكانىڭ COSTCO تاللا بازىرىدا ئاجايىپ ئىشلار يۈز بەرگەن. بۇ تاللا بازىرى ئېچىلىپلا يېرىم كۈندە مال تۈگەپ تاقالغان. بۇ تاللا بازارى ھەپتە ئارلىقىدا ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر ھەپتە ئاخىردا ئېچىلغان بولسا قانداق ئىشلارنىڭ يۈزبېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغان . چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى كۆتۈرلىشى بىلەن خىتايلار ھەدەپ قارشى تۇرۋاتقان ئامېرىكىنىڭ تاللا بازىردىن ئەرزان باھادا چوشقا گۆشى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تالىشىپ ، ئۇرشۇپ سوقۇشۇپ سېتىۋالغان. كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئاتالمىش« ۋەتەنپەرۋەرلىك» نى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن كىچىككىنە مەنپەئەت ئوتتورسىدىكى تاللاش ئادەمنى ھەققىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەردەم:"كۆرەش ئۆلمەيدۇ"

چا سېنتەبىر 4 , 2019
6- سىنتەبىر، ئىستانبۇل سۇلتان ئەھمەد ئۇنىۋىرسىتىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ 60 يىللىق تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەڭگىۋار ئۇستاز مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ھايات سەمەرىلىدىن قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىشنى لايىق تاپتۇق. https://www.youtube.com/watch?

You May Like