ختاي ۋەيران قىلغان ئۇيغۇر تېخنىكىسى:4D ئېلىپبەسى

كۈچەيگەن رېئاللىقتىكى 4D ئېلىپبەسى

ختاي ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، سەنئەت بايلىقىغا غايەت زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈچەيگەن رېئاللىق تېخنىكىسى 4D ئېلىپبەسى بار بولۇپ، بۇ ئ‍ۇيغۇر شركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى جانلاندۇرۇش ساھەسدىكى مۇھيم ھەرىكىتى ئىدى.

تۆۋەندىكىسى ئەينى چاغدا مەزكۇر مەھسۇلات ھەققىدە تارقىتىلغان ئىلان:

 كۈچەيگەن رېئاللىق تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىشلەنگەن، پەرزەنت تەربىيەسىىگە ئائىت تۇنجى مەھسۇلات 4D ئېلىپبەسى 32 خىل ھەرپنىڭ 114 خىل يېزىلىش شەكلىنى رېئاللىق بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ئارقىلىق، تەسۋىرلەش قىيىن بولغان مىساللارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بالىلىرىمىزنى مول بولغان تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا باشلاپ كىرەلەيدۇ. بالىلىرىمىز ئويۇن ئويناش شەكلى بىلەن  ئۈچ خىل تىلدا ئاددىي ساۋاتقا ئىگە بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئۆگىنىش شەكلى ئائىلىدە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىناق ئائىلە مۇھىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرالايدۇ. 

4D ئېلىپبەسى بىر مەھسۇلات بولۇپ قالماستىن بۇ بىر مەسئۇلىيەت، بۇ بىر ئېلىپبە تارىخىدىكى زامانغا ماس بولغان يېڭىلىنىش. بۇ مەدەنىيەت-مائارىپ ساھاسىدىكى بىر ئىلگىرلەش. بۇ كۈچەيگەن رېئاللىقتىكى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغان بىر ھەقىقەت.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بېرىتانىيە پادىشاھلىقى سايلىمىدا لىبرال ئەمگەك پارتىيسى ئۇتۇپ چىقتى. يېڭى باش مىنىستىر ۋەزىپىگە ئولتۇردى

جۈ ئىيۇل 5 , 2024
مەزكۇر پارتىيە ئۆتكەن ئايدا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۆرەش قىلىشنى پارتىيە سياسى نىزامنامىسگە كىرگۈزگەن. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 5-ئېيۇل 4-ئېيۇل كۈنى ئىلىپ بىرىلغان ئومۇمى سايلامدا ئەمگەك پارتىيسى 412 ئاۋازغا ئېرشىپ مۇتلەق يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. پارتىيە لىدىرى كەيىر ستارمىر (Keir Starmer) پادىشاھ چالىزغا قەسەم بىرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۋالدى.بۇ ئەنگىلىيەدە 8 […]
ئەنگىلىيە باش منستىر

You May Like