ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى ۋاڭ بىن بىن دىلرابانىڭ رەسمىنى تارقىتىپ، جىنايتى ۋە «ئۇيغۇر»مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان

تەييارلىغۇچى: ئەكرەمجان، 4-دېكابىر

ختاينىڭ چوڭ تاراتقۇلىرىدىن 163 (ئاسان تور)نىڭ باش سەرلەۋھەسدە خەۋەر قىلىشچە، ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى ۋاڭ بىن بىن قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» دىلرابانىڭ ئۇيغۇرچە كىيم كېيىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان رەسملىرىنى تارقاتقان.

ۋاڭ بىن بىن مۇنداق يازغان:« دىلرابا جۇڭگو شنجاڭنىڭ كىيمىنى كىيىپ،شنجاڭچە ئۇسۇل ئويناپ، نۇرلۇق پارلىماقتا».

بۇ تەشۋىقات-ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش تىرشچانلىقىنىڭ بىر قسمى.

ۋاڭ بىن بىن بۇ قسقىغىنە يوللانمىسدا، زورىغا ئاتايىتەن «جۇڭگو»، «شنجاڭ»سۆزلىرىنى ئ‍شلەتكەن بولۇپ، «ئ‍ۇيغۇر»سۆزىنى ئ‍شلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ۋاھالەنكى، دىلرابا -ئۇيغۇر مىللىتىدىن، ئۇنىڭ كېىيمى-شنجاڭچە كىيم ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېىيمى.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مۇنداق دىدى: «بىز ختاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش تىرشچانلىقىنىڭ يېڭى نشانىنى كۆرەلەيمىز، ختاينىڭ كىينكى قەدىمى بولسا-ئۇيغۇر دەپ مىللەت يوق»دىگەن تەشۋىقاتتىن ئىبارەت.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا تۆھپىكارى: كۆپلىگەن رىكوردلارنى ياراتقان مۇزىكانىت -تايلور سۋىفىت دەۋر ژۇرنىلى 2023-يىللىق شەخس بولۇپ باھالاندى.

دۈ دېكابىر 4 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن گۈلزار تەييارلىدى 6-دىكابىر دۇنيا سەنئەت ۋە مۇزىكا ساھەسنىڭ بارلىق رىكورتلىرىنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە يېڭىلىغان تايلور سۋېفىت 2023-يىلدىكى ئەڭ داڭلىق شەخس بولۇپ باھالاندى. تايلور سۋىفىت كىم؟ تۆۋەندىكى پاكىتلار سزگە ھەممىنى دەپ بىرىدۇ: *12 قېتىم ئەڭ نوپۇزلۇق گىراممى مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئ‍ېرشتى. *دۇنيا بويلاپ قويغان ئىراس (Eras Tour ) […]
Taylor swift

You May Like