ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 25-يانۋار
ختاي سۈنئى ئەقىل تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئشلىتىپ كەلگەنلىكى سر ئەمەس، نۆۋەتتە ختاي مەزكۇر تېخنىكىنى كىنو-فىلىملەرنى بىۋاستە ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىغا ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىشقا ئشلىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا،ختاي سۈنئى ئەقىل ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئاۋاز تەرجىمسنى خىلى بۇرۇن يولغا قويغان.
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ختاي كىنوچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات ئورنى (تەڭرىتاغ) كىنو ئىستۇدىيەسى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى AI تەرجىمە بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغان.
خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، بۇ تەجرىبىخانىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت AI تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، تېكىست تەرجىمە قىلىش، ئاۋاز سىزىقىنى كىلونلاش، ئوربىتىغا بۆلۈپ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تولۇق تەرجىمە قىلىش تەرتىپىگە كۈچ قوشۇپ، كىنو-تېلېۋىزىيەنىڭ ئەسلىي فىلىم يېزىقچىلىق ئىستىلىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئادەم بىلەن ماشىنا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.»
ختاي شركەتلىرى سۈنئى ئەقىل تېخنىكىسى جەھەتتە، ئاز تەننەرق بىلەن كۆپ ئۈنۈم يارىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ختاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەتىنىدە،« ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىنولارنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئۈمىد قىلىدىكەن.
تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى 1959-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 40 نەچچە يىل ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قويۇلىدىغان كىنولارنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تەرجىمە قىلغان كىنو ۋە تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى 20 مىڭ قىسىمدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەر ئاز سانلىق مىللەتلەر تېما قىلىنغان كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتى تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.مەزكۇر ستۇدىىيە دۆلەت تەرىپىدىن مەخسۇس ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسى تەشۋىقاتى ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، «بەختلىك شنجاڭلىقلارنىڭ ھېكايسنى دۇنياغا ئاڭلىتىش» ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.