ختاي شىئەندىن قەشقەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان تۇنجى ئاپتوموبىل پوچتا يولى ئاچتى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى: ختاي قەشقەرنى ختتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تىزلەتمەكتە.

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش « شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتىدىن ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بىۋاسىتە بارىدىغان تۇنجى پوچتا يولى-شىئەن-قەشقەر ئاپتوموبىل پوچتا يولىنى رەسمىي باشلىغان، ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى تېز يوللانمىلارنى يەتكۈزۈش ۋاقىتى 53 سائەتكە قىسقاردى،  ئىلگىرىكىدىن ئىككى كۈن قىسقاردى.

ئۇيغۇر ئاگنىتلىقىنىڭ كۆزىتىشچە، بۇ ختاينىڭ قەشقەرنى ختتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قسمى ئىكەن.
  خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: قەشقەر «شۈنجيې» ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۈەنجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىۋاسىتە قەشقەر پوچتا يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئىستېمالچىلار جىتۇ تېز يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن توردىن سېتىۋالغان تاۋارلارنى، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭكىدىنمۇ تېز تاپشۇرۇۋالىدۇ». شۇ كۈنى شىئەندىن شىنجاڭ قەشقەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلگەن تېز يوللانما 88 مىڭغا يېتىپ، قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا  %10 ئاشقان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرۈش دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

چا ئاۋغۇست 21 , 2024
  كورېيە «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بەش سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرۈش دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %44 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.   ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگلىيە جانلىقلار ئەۋرىشكە ئامبىرى تۈرىدىكى 37 ياشتىن 73 ياشقىچە بولغان 407 […]
تېلىۋىزور كۆرۈش

You May Like