ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقى قورقۇنچلۇق دەرىجىگە قەدەم قويماقتا

قەشقەردىن قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا 5470 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يول: 

 ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈر، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول تۈرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

ختاينىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول تۈرى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ، ئۈچ دۆلەت، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، بۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 

  ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى ختاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئاتالمىش  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن باشلىنىپ، قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبېكىستان چېگراسىغا كىرىدۇ، كەلگۈسىدە غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا ئۇزارتىلىدۇ. بۇ تۆمۈر يول پۈتكەندىن كېيىن تۆمۈر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە پۈتكۈل ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا-ئاسىيا تىرانسپورتىنى يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تۆمۈر يولدىن ئۆتىدىغان ختاي-ئوتتۇرا ئاسىيا-تۈركىيە-ياۋروپا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5470 كىلومېتىر بولۇپ، رايونلارنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

  ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېڭى غەرەزلىك ھەمكارلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ختاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغىچە، پاكىزە ئېنېرگىيەدىن ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغىچە، ختاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يتەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنى توختىماي كېڭەيتتى.ئوتتۇرا ئاسيا تېجارەتچىلىرى، ھۆكۈمەت، كارخانىچلار بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئېقتسادى مەنپەئىتىدىن بەھر ئالماقتا.

ختاي ئوتتۇرا ئاسيادا تىزلىك بىلەن زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلارغا مەبلەغ سالماقتا:

  قازاقىستاندا، ختاي-قازاقىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، چىمكەنت نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قاتارلىق پۈتۈپ بولغان ھەمكارلىق تۈرلىرى مۇقىم يۈرۈشمەكتە؛ ئۆزبېكىستاندا، سىر دەرياسى ئوبلاستىنىڭ 1500 مېگاۋاتلىق يېقىلغۇ گاز ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئولىمپىك شەھىرى تۈرى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ قىرغىزىستاندا، يېڭى شىمال-جەنۇب تاشيولىنىڭ 3-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئىسسىقكۆل يورۇقلۇق ۋولت 1-باسقۇچلۇق تۈرىگە ئۇل سېلىندى؛ تاجىكىستاندا ھۆكۈمەت بىناسى ۋە پارلامېنت بىناسى، ختاي-تاجىكىستان تاشيولىنىڭ 2-باسقۇچىنىڭ قىسمەن ھالقىلىق يول بۆلىكى قاتارلىق تۈرلەر جىددىي ئەمەلىيلەشمەكتە. بىر قاتار  ھەمكارلىق تۈرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ موتورىغا ئايلاندى.

سودا ھەمكارلىقى: يىللىق 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تېجارىتى: 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىق سۆھبەت مېخانىزمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قېزىلدى، ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، چېگرا ئېغىزلىرىدا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ختاي ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپەيتىلدى …… 2023-يىلى، ختاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان سودا سوممىسى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.2 ئېشىپ، يەنە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. 

ختاي ۋە ئوتتۇرا ئاسيا باشلىقلار يېغىنى ۋە خەلقئارا سياسى ۋەزىيەت:


2023-يىلى 5-ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك ختاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ختاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئېچىلىپ، ختاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلىنىپ، يېڭى ئىستىقبال ئېچىلدى، بۇ ختاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا كۈچلۈك سياسى ئاقىۋەتكە ئىگە.

  ختاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتخانىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ختاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ياڭ جىن مۇنداق دىگەن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كەلگەن ئ‍ۆزگىرىشلەر بىر قانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچى، باشلىقلار دىپلوماتىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ۋە ئىككى تەرەپلىك قاتلامدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەبلەغ سېلىش سودىسى كۈچلۈك ئاشتى؛ ئۈچىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىق چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي بولۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ قويۇقلاشتى؛ تۆتىنچى، ھەمكارلىق مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى، مەسىلەن: ختاين-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمى، ختاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسى،ختاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىقلار. 

 ختاينىڭ دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيا ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ تاۋ مۇنداق دېگەن: «باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ختاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدا بىر قاتار تارىخىي، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى». ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ختاينىڭ ئەتراپىدىكى تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار توپى. 2022-يىلى، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى ختاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە جاكارلىدى، ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى بارلىققا كەلدى.

 ئوتتۇرا ئاسيالىقلار ختاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن مەمنۇن:

ئ‍ۆزبەكستان پىرەزدىنتى مىرزايىۋ ياكى قازاقستان پىرەزدىنتى توقايىۋ بولسۇن، ياكى تاجىكستان پىرەزدنتى راھمانوۋ، قىرغىزستان پىرەزدىنتى جاپاروھ ھەممىسى -ختاي بىلەن بولغان ئوتتۇرا ئ‍اسيا ۋە ختاي ھەمكارلىق مۇنبىرىدىن باشقا يەنە ئايرىم ختاي ھەمكارلىق كىلىشمى ئىمزالاشقا بەسلەشمەكتە.شۇنداقلا پۇقرالارغا ختاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئ‍ۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.بۇلار ھىچقايسسى تېخى ھازىرغىچە ختاينى ئاشكارا تەنقىد قىلغىنى يوق،ئەكسچە 2020-يىلدىن ھازىرغىچە قىرغىزستان ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ياكى تۇتۇپ كۆزدىن يوقاتقان ئۇيغۇر تېجارەتچىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا.

ئوتتۇرا ئاسيا ختايدىن پايدا ئالدى، ئۇيغۇرنىڭ بەدىلىگە پايدا ئالدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ختاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، رايوننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە رايون ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنىمۇ ياخشىلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدىكى ھەمكارلىق تۈرى ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئورتاق تەرەققىيات ھەر قايسى دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈردى، بۇ تۈرلەر ئارقىلىق يارىتىلغان ئىجتىمائىي قىممەت ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندۇردى.ئۇزاق مەزگىلگىچە بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئۆزگىرىشى ناتايىن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي غۇلجا ئايرۇدۇرۇمىنىڭ ئ‍سمىنى «ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايرۇدۇرۇمى»غا ئۆزگەرتكەن

يە ئىيۇن 30 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، 3-ئ‍يۇن www.uyghurtimes.com 27-ئىيۇن ئاتالمىش شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۇقتۇرۇش ئىلان قىلىپ، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامى «ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتكەن.بۇ ختاي تىلىدا ( 伊犁伊宁国际机场) بولىدۇ. ختاي بۇنىڭ ئايرۇدۇرۇمىنىڭ تېخىمۇ زورايغانلىقى، خەلقئاراغا يۈزلەنگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. غۇلجا ئايرۇدۇرۇمى تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 1936-يىلى قۇرۇلغان. ھازىر مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرىستاندا ئىككىنچى تارماق […]
غۇلجا

You May Like