ختاي: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاتالمىش شىنجاڭدا 120 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

ختاينىڭ خەلق تورى خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مۇنداق دىگەن: 2024-يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، شىنجاڭ جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 120 مىليون 179 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.28 ئاشقان؛ 131 مىليارد 657 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.39 ئاشقان.

ساياھەتنى كۈچەيتىش مەقسدى سياسى جەھەتتە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش بولسا،ئېقتسادى جەھەتتە، ختاي ساياھەت ۋە مەدەنىيەت شركەتلىرىنىڭ مونوپۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى ختاي شركەتلىرىگە يۇقىرى دەرىجىدە تايىنىدىغان بېقىندە ھالەتكە چۈشۈرۈش، مەدەنىيەت جەھەتتە، ئۇيغۇر ئەسلى ۋە تارىخى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈپ ۋە يوقتىپ، ساختا بولغان ختاي مەدەنيەت يادىكارلىقلىرىنى تارىخى پاكىت سۈپىتىدە تىكلەش ۋە ساياھەتچىلەرگە بۇ يەرلەر ئەزەلدىن ختاينىڭ زېىمىنى ئىدى دىگەن تەشۋىقاتنى تارقىتىشتىن ئ‍ىبارەت.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بايدىن دەۋرىدە،ئامېرىكىدا ئۆي-ماكانسىز قالغانلار مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ كەتتى

يە ئاۋغۇست 4 , 2024
سانلىق مەلۇمات: ئامېرىكىدا ھەر 500 ئادەم ئىچىدە بىر ئادەم ئۆي-ماكانسز. ئامېرىكا تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئامېرىكىدا ئۆي-ماكانسىز قالغانلار 650 مىڭدىن ئېشىپ، 2022-يىلىدىكىدىن %12 كۆپەيگەن. بۇ ئورگان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ 2007-يىلى ئامېرىكا قوشماشىتات ھۆكۈمىتى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئۆي-ماكانسىز قالغانلار […]
ئۆي-ماكانسز ئامېرىكىلىقلار

You May Like