خوڭكوڭدا خىتاي مۇستەبىتلىكىگە قارشى مىلىيون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى تەييارلىغۇچى: ئەردەم 2019-6-9 9- ئىيۇن يەكشەنبە، خوڭكوڭدا 30 يىلدىن بىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور نامايىش قوزغالدى، ڧىرانسىيە خەۋەرلىرىگە قارىغاندا نامايىشقا قاتناشقان ئادەم بىر مىلىيوندىن ئاشىدۇ.

  ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى تەييارلىغۇچى: ئەردەم 2019-6-9 9- ئىيۇن يەكشەنبە، خوڭكوڭدا 30 يىلدىن بىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور نامايىش قوزغالدى، ڧىرانسىيە خەۋەرلىرىگە قارىغاندا نامايىشقا قاتناشقان ئادەم بىر مىلىيوندىن ئاشىدۇ. يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن، شەھەر ئاھالىلىرى ۋىكتورىيە مەيدانىغا يىغىلدى،بۇ مەيداندا 4- ئىيۇن 180 مىڭ كىشىلىك نامايىش بولۇپ تىيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىغا تەزىيە بىلدۈرۈلگ ئاندىن قانۇن تۈزۈ مەجلىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، يىڭىدىن تۈزۈلگەن » قاچقۇن بەلگىلىمىسى» گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇردى. ئىشنىڭ ئەسلىدە تەيۋەندىن خوڭكوڭغا مەخپى ئىلىپ كىلىنگەن بىر جىنايەت گۇماندارى دىلوسىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، خوڭكوڭ ئاھالىسى كەلگۈسىدە بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن خوڭكوڭلۇقلارمۇ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلىپ بىر تەرەپ قىلىنسا، ئادىل بىرتەرەپ قىلىنماسلىقتىن ئەنسىرىگەن. ئۇلار بۇ بەلگىلىلمىلەرنىڭ ھىچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى، خىتايدەك ئادۇۋكاتلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىدىغان دۆلەتتە كىشلىك ھوقۇق، ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ھىچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىشقان. بۇ نامايىشتا يەنە » خوڭكوڭنى قايتۇرىۋالايلى» دىگەن لوزۇنكىلار كۆتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى نامايشقا كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، خوڭكوڭلۇق ئايال پىروڧڧىسور شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىسمى بىلەن تىلغا ئىلىپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئېغىر زۇلۇم ئارقىلىق خوڭكوڭ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

كانادادا ئۇيغۇر ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى

يە ئىيۇن 9 , 2019
6-ئاينىڭ 8-كۈنى كانادانىڭ تورۇنتودا كانادا شەرقى تۈركىستان جەمىيتى بىلەن نۇر مەدەنىيەت سەنئەت مەركىزى بىرلىشىپ ئۇيغۇر ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈدى.

You May Like