خوڭكوڭ نامايىشى 10-ھەپتىگە قەدەم قويدى،1 مىليون كىشى تىچلىق نامايىشى ئۆتكۇزدى،دۇنيا دىققەتتە

ئۆتكەن ئون ھەپتىدىن بىرى داۋاملىشۋاتقان نامايىشلاردا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارسدىكى توقۇنۇش ۋە سۈركىلىش قىزىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەنىدى،ئەمما يەكشەنبە كۇنى خوڭكوڭنىڭ ئاساسى كوچىلىرىدا ئىلىپ بىرىلغان 1 مىليون كىشلىك نامايىش تىچلىق بىلەن ئىلىپ بىرىلدى.

خوڭكوڭ نامايىشى 10-ھەپتىگە قەدەم قويدى، 1 مىليون كىشى تىچلىق نامايىشى ئۆتكۇزدى.

2019-يىلى 18-ئاۋغۇست.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،مەنبەسى ب ب سى.

تەييارلىغۇچى ئافراسياپ

ئۆتكەن ئون ھەپتىدىن بىرى داۋاملىشۋاتقان نامايىشلاردا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارسدىكى توقۇنۇش ۋە سۈركىلىش قىزىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەنىدى،ئەمما يەكشەنبە كۇنى خوڭكوڭنىڭ ئاساسى كوچىلىرىدا ئىلىپ بىرىلغان 1 مىليون كىشلىك نامايىش تىچلىق بىلەن ئىلىپ بىرىلدى.

مەزكۇر نامايىشبەش تۇرلۇك تەلەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، «ئۆتكۇزۇپ بىرىش قانۇنى»نى بىكار قىلىش،ئالاھىدە رايون باشلىقى كەررى لام (جىن جىڭ يۆئى) ئ‍ستپا بىرىش، نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلغۇچى ساقچىلارنى تەكشۇرۇش، ئاساسى سايلام ئۆتكۇزۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. ختتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ تەلەپلەرگە ھىچقانداق ئىجابى جاۋاب بەرمىدى.

نامايشلارغا قارىتا،ختتاي ھۆكۈمىتىئالدىنقى ئون ھەپتىدىكى نامايىشنى زوراۋانلىق ھەتتا تىرورلۇق دەپ ئەيىپلىگەنىدى.

رايون باشلىقى كەررى لام ھازىرغىچە ئ‍ستپا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ كەلدى.

خوڭكوولۇقلارنىڭ ياشلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىشلار پۇتۇن شەھەر خەلقىنى تەسرلەندۇرۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشماقتا ئىكەن،

توققۇزىنچى ئايدا پىلانلانغان نامايىشدەرس تاشلاش نامايىشى بولۇپ، كىشلەر بۇ نامايىشنىڭ تەسرى تېخىمۇ زور بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىمەكتە.

خوڭكوڭلۇقلار : مەقسەتكە يەتمىگۇچە ھەرگىز توختىمايمىز!-دىگەن ئىرادىسنى بىلدۇرمەكتە.

ھازىرغا قەدەر، ئامېرىكا پارلامنىت ئەزالىرى، ئەنگىلىيە پارلامىنىت ئەزالىرى ئاشكارا ئىپادە بىلدۇرۇپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى: ئىسپاتلىق ۋىدىيو توپلاش چاقىرىقى

دۈ ئاۋغۇست 19 , 2019
ھازىرغىچە بىزتوردىن يىغىپ ساقلىغان، خاس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ ئىپادىلىگەن ۋىدىيو(گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرى) تەكرارلانمىغاندا 26 پارچە بولدى. بۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بەك زور!

You May Like