خوڭكوڭ ھۈكۈمىتى نامايىشتىكى ئاكتىپ زاتلارنى قولغا ئالدى

30-ئاۋغۇست ئەتىگەندە خوڭكوڭ ھۈكۈمىتى خىتايغا قارشى نامايىشىتىكى ئاكتىپ زاتلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-يىلى 8-سېنتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

30-ئاۋغۇست ئەتىگەندە خوڭكوڭ ھۈكۈمىتى خىتايغا قارشى نامايىشىتىكى ئاكتىپ زاتلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى.

خوڭكوڭ ھۈكۈمىتىنىڭ رەئىسى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سورىغان سۇئالىنى ئىنكار قىلمىدى. بۇ قېتىم تۇتۇلغانلارنىڭ قاتارىدا خۇاڭ جىپىڭ (黄之锋) ، جوۋ تىڭ (周庭) ، چېن خاۋ تىيەن (陈浩天) ،جېڭ سۇڭ تەي (郑松台)،لىن لاڭ يەن  (林朗彦) ، سۈن شاۋ لەن (孙晓岚) قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ھەممىسى خوڭكۇڭلۇقلار نامايىش باشلىغاندىن بېرى ئاكتىپ ھەركەت قىلغان ئاۋانگارتلاردىن ئىدى.

29-ئاۋغۇست تاڭ سەھەردە خىتاينىڭ ئەسكەرى قىسىملىرى خوڭكوڭغا كىرگەن بولۇپ ھۈكۈمەت تەرەپ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەرگە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدى دەپ بايانات بەرگەن بولسىمۇ تاڭ سەھەردە خەلىقنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىنگەن بۇ زاپاس قىسىمنىڭ كېلىش مەقسىتىنىڭ بىر شۇملۇق ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.

خۇاڭ جىپڭ قاتارلىق تەسىر دائىرسى چوڭ بىر نەچچەيلەن كېپىللىككە قۇيۇپ بېرىلگەن بولۇپ تەھلىلچىلەر خوڭكوڭ ھۈكۈمىتى نامايشچىلارغا بېسىم چۈشۈرۈشتىن باشقا خەلىقنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ باقماقتا دەپ قارىدى.

ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن خوڭكوڭ ھۈكۈمىتى تۇيۇقسىز كەڭ دائىرلىك ئادەم تۇتۇشنى باشلايدۇ؟

تەھلىلچىلەر بۇ قېتىملىق تۇتۇش ھەركىتى ۋە 29-چىسلادىن كېيىنكى بىر قاتار ئەھۋاللار بېيجىڭ تەرەپتىن كەلگەن بۇيرۇق دەپ قارىغان. چۈنكى 1-ئۆكتەبىر خىتاي كومىنىست پارتىيسىنىڭ70 يىللىق خاتىرە كۈنى شۇنداقلا شى جىنپىڭ رەئىس بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى «ئون يىللىق خاتىرە كۈن » ئۆتكۈزىشى، شۇنىڭ ئۈچۈن شى جىنپىڭ خوڭكوڭ ھۈكۈمىتىگە بېسىم چۈشۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى چەكنى بەلگىلەپ بەرگەن دەپ قارالماقتا. شى جىنپىڭ ھازىرقىدەك سىرتتا سودا ئۇرشى ئىچىدە ئىقتىسادى چېكىنىش بولىۋاتقان شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى نامايىش قوشۇلغان ۋەزىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ 1-ئۆكتەبىرگە سوزۇلۇپ يۈزىگە «سەت » بولىشىدىن ئەندىشە قىلىپ بۇرۇنراق بېسىم قىلىش يولى بىلەن خوڭكۇڭلۇقلارنى بېسىقتۇرماقچى بولغان.

1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ رەئىسلىك مەزگىلىدە قىلىپ قولغان كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىنى  كۆز-كۆز قىلماقچى بولغان شى جىنپىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل كۈزدە 19-نۆۋەتلىك 3-قېتىملىق مەملىكەتلىك يىغىن ئېچىلىدىغان بولۇپ بۇ يىغىندا پارتىيە ئىچىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۆرسىتىش ئۈچۈن خوڭكوڭ مەسىلىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىشلارنى تىزدىن بېسىقتۇرۇشقا باشلىغان،ئەمما قاتتىق قول ئىشلىيەلمەيدۇ دەپ قارالماقتا.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

«سىرلىق شەخىس» خوڭكوڭ ۋەزىيتىنى ئۆزگەتتى

يە سېنتەبىر 8 , 2019
8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە خوڭكوڭ ۋەزىيتىنىڭ ئەڭ كەسكىن ھالىتىدە ۋاڭ چى شەن گۇۋاڭدوڭدا «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرش »نامىدىكى خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ۋاڭ چى شەن خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى بىر كۆرگەنچە ئۇدا ئۈچ كۈن كۆردى.

You May Like