تەييارلىغۇچى: ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
2019-09-04
رويتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭ ھۆكۇمەت مەنبەسدىن نەقلى قىلىپ خەۋەر قىلىشچە، 4-سىنتەبىر خوڭكوڭ باش ئەمەلدارى كەررى لەم ئۇچ ئايدىن بىرى خوڭكوڭدا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان «ئۆتكۇزۇپ بىرىش قانۇنى »نى رەسمى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
كۆزەتكۇچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئالدىنقى كۇنى ئاشكارىلانغان كاررى لەمنىڭ مەخپى سۆزى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولۇپ، ختتاي كومپارتىيەسنڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قەتئى ئىرادىسى ئالدىدا باش ئەگكەنلىكىنىڭ غەلبىسى ئىكەن. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ئەگەر ختتاي خوڭكوڭغا ھەربى كۇچ ئشلەتسە، سودا كىلىشمى تۇزمەيدىغانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئېقتسادى ئىتىبار سياسەتلىرىنى بىكار قىلىپ ختتاي ئېقتسادىغا زەربە بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.