تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى بىرلىشپ ئۆتكۈزگەن «خيالىمدىكى خىتاي» ناملىق سۈرەت مۇسابىقىسى قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلدى.

پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار دوپپا مەدەنيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، خىتايغا نارازلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان 5- ماي كۈنى توردا تارقالغان «خيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم مۇسابىقىسى ھەققىدىكى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلىشپ ئۆتكۈزگەن پائالىيتى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك خەلقى ئارسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 5- ماي

 

پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار دوپپا مەدەنيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، خىتايغا نارازلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان 5- ماي كۈنى توردا تارقالغان «خيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم مۇسابىقىسى ھەققىدىكى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلىشپ ئۆتكۈزگەن پائالىيتى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك خەلقى ئارسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

 

داڭلىق شەخسلەردىن ئابدۇللا چىفىتچى مۇنداق دېدى: «بۇ بىر تۈركىيە – خىتاي دوسلۇقىمۇ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھازىردىن باشلاپ خىتاي سۆيگۈسنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان رەزىللىكمۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

 

بەزى تۈركلەر كۆك رەڭ بىلەن بويالغان ختاي خەرىتىسنى چىقىرىپ: «بۇ مېنىڭ خىيالمدىكى خىتايدۇر!» دېدى. يەنە بەزىلەر لاگېرلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ: «مېنىڭ خىيالىمدىكى خىتاي بۇدۇر!» دېدى.

 

ئىلاھىيەتچى ئابدۇللا ئىمامئوغلۇ مۇنداق دېدى: «سز خىتايغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى داۋام قىلىڭ، بىز بولساق بەش مىلىيون مۇسۇلماننى زىندانغا سولىغان، ئىسلامغا ئۇرۇش ئاچقان خىتاينىڭ جىنايتىنى پاش قىلىشنى داۋام قىلايلى!»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا باشچىلىقىدا ب د ت دا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇھاكىمە قىلىنماقچى، خىتاي ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى قاتناشماسلىققا چاقىردى.

يە ماي 9 , 2021
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يېغىنغا قاتنىشش - قاتناشماسلىقى ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى قوللاپ كەلگەن رەزىلىك ماھىيتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

You May Like