خىتتاي ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان گېرمان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلدى

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-08-04

 

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك خىتتاينى زىيارەت قىلىشى رەت قىلىنغان.
گېرمانىيە پارلامېنتىسىنىڭ رەقەملەشتۈرۈشكە مەسئۇل كومىتېتى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىكى سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدارغا ئالاقىدار يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان. بىراق، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتتاي تەرەپ كومىتېت ئەزاسى مارگارېتې باۋزېنىڭ (Margarete Bause) زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۆمەكنىڭ زىيارىتى بىكار بولۇش خەۋپى ئاستىدا قالغان.
ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاپ كېلىۋاتقان مارگارېتې باۋزې خانىم، بۇ زىيارەتكە پارتىيىسىدىكى خىزمەتدىشى ۋە كومىتېت باشلىقى دىتېر يانېسېكنىىڭ (Dieter Janecek) ئورنىغا ۋاقىتلىق كومىتېت ئەزاسى سۈپىتىدە قېتىلغان.
مارگارېتې باۋزې خانىم گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « خىتتاينىڭ ئۇچۇرىدا، ئەگەر تىزىملىكتە مەن بار بولسام، بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتتايدا زىيارەتتە بولالمايدىغانلىقى يېزىلغان، بۇنى ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. مەن كىشىلىك ھوقۇقنى جاراڭلىق ۋە ئېنىق قوللاۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە بولغان ئورۇنۇشنى كۆرىۋاتىمەن.»

 

 

ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتىر ھىسابىدا، « بۇ مىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ خالاس.» دەپ ئۇچۇر يوللىغان.
بۇ كومىتىت 23- ئاۋغۇستتتىن 1- سىنتەبىرگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىغان.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

د ۇ ق رەھبەرلىرى خەلىقئارا «ئەھمەدىيە» يىغىلىشىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

دۈ ئاۋغۇست 5 , 2019
تەييارلىغۇچى: سايئوغلى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-08-05 مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە خەلقىگە قاراتقان مىللىي داۋايىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاينىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى لوندۇندا 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىملىق يىغىن خەلىقئارا «ئەھمەدىيلەر » جامائىتى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 مىڭدىن ئارتۇق جامائەت ئەزاسى، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، فىللاندىيە قاتارلىق […]

You May Like