خىتتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن

خىتتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تىجارەت ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن، خىتتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل ئىككىنجى پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى 6.2 پىرسەنت بولغان ۋە 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇتەخخەسىسلەرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چېكىنىش يەنە داۋام قىلىدىكەن ۋە ئەڭ تۆۋەن چەككە يېتىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: زۇلپىقار

2019-7-15

 

 

خىتتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تىجارەت ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن، خىتتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل ئىككىنجى پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى 6.2 پىرسەنت بولغان ۋە 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇتەخخەسىسلەرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چېكىنىش يەنە داۋام قىلىدىكەن ۋە ئەڭ تۆۋەن چەككە يېتىدىكەن.

خىتتاي ئىستاتىسكا ئىدارىسىنىڭ 15- ئىيۇلدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئىككىنجى پەسىلدىكى ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 1992- يىلدىكى سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. شۇنداق بولسىمۇ بۇ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە چەت ئەلدىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەخمىن قىلغىنىغا ئوخشاش بولۇپ چىققان. مەزكۇر ئىدارىنىڭ باياناتچىسى ماۋ شېڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتتاي ئىچكى ۋە تاشقى ئىقتىسادى مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۇراقسىزلىقى ۋە مۇقىم بولماسلىقى بۇ چېكىنىشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى ئىكەن.

ئامېرىكا پرېزدىنتى دونالد ترامپ خىتتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىقنى داۋاملىق ئەيىپلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خىتتاي ماللىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرگەن ئىدى. بۇ يىل 5- ئايدىكى تىجارەت كېڭىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ باجلارنىڭ 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللارغا بولغان نىسپىتى 10 پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما 6 ئايدا ئوساكادا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەتلەر يىغىنىدىن كېيىن، ترامپ 300 مىليارد دوللار قىمىمىتىدىكى ماللارغا بولغان باج ئۆستۈرۈشنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى كېڭىشىش تېلىفون ئارقىلىق قايتا باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.

ۋەندا شىركىتىنىڭ بازار ئانالىزچىسى ئېدۋارد مويانىڭ ئېيتىشىچە، تىجارەت ئۇرۇشى خىتتاي ئىقتىسادىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىقتىساد ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكۈچە بۇ سەلبى ۋەزىيەت توختىماي داۋام قىلىدىكەن.

  مەنبە:   http://m.cn.rfi.fr/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20190715-%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E7%BB%8F%E6%B5%8E%E5%A2%9E%E9%95%BF%E5%88%9B27%E5%B9%B4%E6%9C%80%E4%BD%8E  

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

"شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى" تەتقىقاتى:ئاز بولغاندا 3 مىلىيون 650مىڭ كىشى لاگىردا

دۈ ئىيۇل 15 , 2019
شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەتقىقاتى:ئاز بولغاندا 3 مىلىيون 650مىڭ كىشى لاگىردا ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ،ۋاشنگىتون. تەييارلىغۇچى:ئۆلۇمتۈك 2019-يىلى 15-ئىيۇل ۋاشنگىتون ئەركىنلىك مەشئىلى تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،نسبەتەن يېڭى بولغان شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى شەرقى تۈركستاندىكى بىر قسم لاگىر ئورۇنلىرىنى جەزىملەشتۈرگەن.

You May Like