ختتاي: ياۋروپا ئېتتپاقى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشنى شەرت قىلغاچقا«شنجاڭ»غا زىيارەت قىلىشنى رەت قىلىمىز.

30-ئېيۇل، 2021-يىلى

ئامېرىكا بىلومبىرگ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش شنجاڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى شۇگۇشياڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، ختتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى ئاقلىغان.شۇنداقلا نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن

ختتاي: ياۋروپا ئېتتپاقى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشنى شەرت قىلغاچقا«شنجاڭ»غا زىيارەت قىلىشنى رەت قىلىمىز.

 

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

30-ئېيۇل، 2021-يىلى

 

ئامېرىكا بىلومبىرگ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش شنجاڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى شۇگۇشياڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، ختتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى ئاقلىغان.شۇنداقلا نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن.ئۇ ياۋروپا ئېتتپاقىنىڭ زىيارەت مەسلىسى ھەققىدە مۇنداق دىگەن: ياۋروپا ئېتتپاقىنىڭ شنجاڭنى زىيارەت قىلىش تەلىۋىنى رەت قىلىمىز،چۈنكى ئۇلار ئىلھام توختى ۋە باشقا جىنايەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلدى.بۇ ختتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۈرمەتسزلىك قىلىشتۇر.

ياۋروپا ئېتتپاقى ماي ئېيىدا، ختتاي بىلەن ئىلىپ بىرىلماقچى بولغان يېڭى تۈرلۈك سودا كېلىشمىنى ئۇيغۇر مەسلىسىنى سەۋەب قىلىپ (ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۈرتكىسى بىلەن) توختاتقان بولۇپ، بۇ ختتاي ئۈچۈن ئىغىر دىپلوماتىك مەغلۇبىيەت ھسابلىنىدۇ.

ياۋروپا ئېتتپاقىئامېرىكا ۋە تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ بېسمىغا دۇچ كىلىۋاتقان بولۇپ،ياۋروپا ئېتتپاقى ئۆتكەن ئايدا ختتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھسنى ماقۇللىغان.

 

Uyghur Reporter

Next Post

نوترى دام قانۇن ئىنستىتۇتى تۇنجى نۆۋەتلىك دىنى ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەلگە بېرىلدى

جۈ ئىيۇل 30 , 2021
ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق قانۇن مەكتەپلىرىدىن بېرى بولغان نوترى دام ئۇنېۋرسىتىتى قانۇن ئىنستىتۇتى -دۇنيادىكى دىنى ئەركىنلىكنى ھېمايە قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان «نوترى دام دىنى ئەركىنلىك مۇكاپاتى»-2021-يىلى 28-ئىيۇن كۈنى -ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئۇيغۇر ئ‍ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىگە بېرىلدى.

You May Like