ختتاي ب د ت دىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى غەلبسنى تەبرىكلىدى،ئۆزىنى قوللىغان ئۆزبېكستان،قازاقستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئىيتتى.

دۇنيانىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق ئىپلاس،قانخور،جاللات دۆلىتى، ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى بۈگۈن بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى: بۈگۈن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۆزى ئوچۇق بولۇپ،ئامېرىكا-ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئۇزۇن مۇددەت پىلانلاپ،جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ئۈچۈن شنجاڭ كىشلىك ھوقۇق مەسلىسنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،يالغانچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەغلۇپ بولدى، كەڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئىزچىل جۇڭگونى قوللىدى، بۇ جۇڭگونىڭ شنجاڭ سياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرستىدۇ ،ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ »دىدى.

خىتاي ب د ت دىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى، ئۆزىنى قوللىغان ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى

ئۇيغۇر مۇخبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 7-ئۆكتەبىر

دۇنيانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئىپلاس، قانخور، جاللات دۆلىتى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزى ئوچۇق بولۇپ، ئامېرىكا ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئۇزۇن مۇددەت پىلانلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ئۈچۈن شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يالغانچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەغلۇپ بولدى، كەڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئىزچىل جۇڭگونى قوللىدى، بۇ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېدى.

خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش ماقالىسىدە مۇنداق يېزىلدى: «ئامېرىكىنىڭ بەش يىلدىن بىرى جۇڭگوغا قارشى قىلغان تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كەڭ ئىسلام دۆلەتلىرى جۇڭگونى ھىمايە قىلدى، شىنجاڭدا ھەممە نەرسە ياخشى، شۇڭا دۆلەتلەر بىزنى قوللايدۇ. بىز جۇڭگو ئۈچۈن بىلەت تاشلىغان دۆلەتلەرنى تەقدىرلەيمىز. جۇڭگو دۇنيادا قەد كۆتۈرمەكتە، بۇ ھېچكىم توسالمايدىغان مۇقەررەرلىك. ئامېرىكىنىڭ بىزگە بىلەت تاشلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى نومۇسسىزلىق، خائىنلىق دەپ ئەيىبلىشى ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.» 

يىللاردىن بېرى مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۆلەتلىرى خىتاينى ھىمايە قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى داۋاملىق قوللىسىمۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ دۆلەتلەرگە قارشى خەلقئارالىق تەدبىر قوللىنالماي كەلدى. بۇ ئەھۋال بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىنىشنى ۋە خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ يۈرىكىنى يوغىنىتىپ، خورىكىنى ئۆستۈرمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

خىتايلار يالغان سان-سېفىرلار سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق داۋاملىق دۇنيانى ئالدىماقتا

شە ئۆكتەبىر 8 , 2022
خىتايلار يالغان سان-سېفىرلار سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق داۋاملىق دۇنيانى ئالدىماقتا

You May Like