ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى باشلىقنىڭ يالغان باياناتى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقنى قوزغىماقتا

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى باشلىقنىڭ يالغان باياناتى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقنى قوزغىماقتا

 ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى باشلىقنىڭ يالغان باياناتى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقنى قوزغىماقتا

ئايگۈزەل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى25-نويابىر

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونىنىڭ باشلىقى ئوت كەتكەن بىنا ئىشىكىنىڭ ئېتىك ئەمەسلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. 

ئوت كۆيۈۋاتقان ۋاقىتتا ئەتراپتىكى كىشىلەر فىلىمغا ئالغان كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەر ئوت كەتكەن بىناغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بارغىنىدا ئىشىك تۆمۈر سىملار بىلەن مەھكەم تاقىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئېچىشقا ئامالسىز قالغان. مەھەللە كومىتېتىمۇ ئۈندىدار توپلىرىدا ئاھالىلەرنى ئۆيدىن چىقماي ئۇقتۇرۇش كۈتۈش كېرەكلىكى توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن. ئەمما شۇنچە كۈچلۈك ئىسپاتلار ئالدىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز جىنايىتىدىن قېچىش ئۈچۈن نومۇسسىزلىق بىلەن يالغان سۆزلىگەن، بارلىق خاتالىق ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئارتىپ قۇتۇلماقچى بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان ۋىدىئونىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا كۆپلىگەن تورداشلار مۇنداق يېزىشقان: « ۋىدىئودا بىر ئايالنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئاۋاز بىلەن ئىشىكنى ئېچىڭلار دېگىنىنى ئاڭلىدۇق…ئادامنى ئېچىندۇرىدىغىنى ئىشىكلەرنىڭ توختىماي چېكىلىش ئاۋازلىرى…ئىشكىنى ئېچىڭلار دېگەننى ئاڭلاپ كۆزلىرىمنى يىغا تۇتتى…ئىچىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازى قۇتۇلدۇرۇڭلار ئەمەس ئىشكىنى ئېچىڭلار دېدى…»

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۈرۈمچىدىكى ئوت دۇنياغا تۇتاشتى

يە نويابىر 27 , 2022
ئۈرۈمچىدىكى ئوت دۇنياغا تۇتاشتى

You May Like