خىتاينىڭ خۇاۋىي شىركىتى يەنە بۇرنىغا يىدى

23- ماي، باش شىتابى ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئارىم (ARM) ئۆزەك شىركىتى ئامېرىكىنىڭ خۇاۋىي شىركىتىگە چىقارغان چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن، خۇاۋىي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى قارار قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

كوررېكتور: مەنزىل

2019-5-23

23- ماي، باش شىتابى ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئارىم (ARM) ئۆزەك شىركىتى ئامېرىكىنىڭ خۇاۋىي شىركىتىگە چىقارغان چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن، خۇاۋىي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى قارار قىلدى.

خۇاۋىي شىركىتى ئالما شىركىتى بىلەن بىردەك ئارىم (ARM)شىركىتى لاھىيىلىگەن تېلېفۇننى قوزغىتىدىغان مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچنى قوللىنىدىغان بولۇپ، ئارىم شىركىتى (ARM) تېخنىكا جەھەتتىن ئامېرىكىغا بېقىنىدۇ. ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتە %25 تىن ئارتۇق ئامېرىكا تېخنىكىسى ياكى زاپچاس ماتىرياللىرى قوللىنىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ خۇۋاۋىي شىركىتىگە سېتىپ بېرىلىشىنى چەكلىگەچ، ئارىم (ARM) شىركىتى خۇاۋىي بىلەن ھەمكارلىقنى ئۈزگەن.

ئەنگىلىيە ئارىم شىركىتىدىن باشقا يەنە ياپونىيە پاناسونىك (Panasonic) شىركىتى ۋە توشىبا (Toshiba) شىركىتىمۇ خۇاۋىيگە بەزى تىلىفۇن زاپچاسلىرىنى سەپلەپ بىرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكىدىن باشقا يەنە ئاۋىستىرالىيە، يىڭى زىللاندىيە قاتارلىقلار خۇاۋىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ئەسۋابى بولۇشىدىن ئەنسىرەپ چەكلىگەن.

قاتمۇ- قات كەلگەن ھۇجۇملارغا قارىتا خۇا ۋىي شىركىتى قۇرغۇچىسى رىن جىڭفىي يەنىلا:«ئارىم (ARM) شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقنى ئۈزۈشى چوڭ تەسىر كۆسىتەلمەيدۇ، بىز ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ قۇرۇلما لاھىيەسىنى مەڭگۈلۈك ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق»دىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇنىي ساۋاتسىزلىقتىن ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، شىركەتلەر تەبىئىي ئاپەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە چەكلىشىگە ئۇچرىغاندا، بۇرۇنقى توختاملار ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا بولىدۇ. ئارىم (ARM) شىركىتى تىخنىكا جەھەتتىن ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان ئىكەن، خۇاۋىي شىركىتىگە ئىلگىرى سېتىپ بەرگەن ئىشلىتىش ھوقۇقى كۈچگە ئىگە بولمايدۇ.

خۇاۋىي شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالاقچىسى بولۇپ، خىتاي خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى ئۈچۈن «ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى»، «ئاسماندا قاپقان قۇرۇلۇشى»ۋە «پارلاق قۇرۇلۇشى»ئارقىلىق، يۇقىرى ئېنىقلىقتا چىراي تونۇش تېخنىكىلىرىنى ئىشقا سىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا، جازا لاگىرلىرىغا قارىتىلغان قاتتىق نازارەت سېستىمىسىنى تۈزۈپ بەرگەن باش شىركەت ھىسابلىنىدۇ.

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

  خىتاي بىلەن ئامېرىكا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان رىقابەتكە چۈشتى

جۈ ماي 24 , 2019
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مايكىل براۋىن ئامېرىكا ئاۋازى قانىلىنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان خىرسلار ئۈستىدە توختالدى.

You May Like