خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى تۇڭگانلارنى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان -ت) دىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى ۋە ئىزچىل داۋام قىلشىغا ئەگىشىپ تۇنگانلارمۇ تەشۋىشلەنمەكتە، تەھدىت ھېس قىلماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ( 28- دېكابىر) ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە دېيىشىچە : تۇڭگان شائىرى سۈي خاۋشىن ( تەخەللۇسى ئەنرەن ) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدىن تەھدىت ھېس قىلغان تۇڭگانلارنىڭ بىرى .

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 28- دىكابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايەتۇللا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-30

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان -ت) دىكى  ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى ۋە ئىزچىل داۋام قىلشىغا ئەگىشىپ  تۇنگانلارمۇ تەشۋىشلەنمەكتە، تەھدىت ھېس قىلماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ( 28- دېكابىر) ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە دېيىشىچە : تۇڭگان شائىرى سۈي خاۋشىن ( تەخەللۇسى ئەنرەن ) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدىن  تەھدىت ھېس قىلغان تۇڭگانلارنىڭ بىرى . 

 بۇ يىل 39 ياشلىق شائىر خىتاي مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كىيىن تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇ ئاپەتلىك ئىنقىلاب زامانىدا خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ نوپۇسلۇق بولغان تۇڭگان مۇسۇلمان ئاممىسى قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ( خۇڭۋېيبىڭ) زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان . مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېىن ھازىرغىچە تۇنگانلار خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى چىقماي قوللاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن، شۇ سەۋەپلىك ھازىرغىچە ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسى دۇچ كەلگەندەك خىتايلار تەرپىدىن چوڭ كۆلەملىك باستۇرۇشقا ئۇچرىمىغان . 

 ئەمما ھازىر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ‹‹سۈي خاۋشىن تارىخنىڭ قايتىلىنىۋاتقان بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇ خىتاينى ئىدارە قىلىۋاتقان خىتاي كوممىنىست پارتىيىسىنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇزۇشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە،  ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.››

 ئۇ بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭ (شەرقى تۇركىستان-ت) لىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات – ماماتىغا ئالاقىدار ماقالىلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلغان . شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي ساقچى تارماقلىرى ئۇنى ئاۋارە قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولىغان.  ھەتتا شەرقى تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد مەسلىسى ھەققىدە قايتا بايانات بەرمەسلىكنى ، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقنى ئەسكەرتكەن . 

 سۈي خاۋشىن زوراۋانلىق كىلىپ چىقىشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ئىنسان دېگەننىڭ قەدىر- قىممىتى بولىدۇ. بىر ئىنسانغا نىسپەتەن بۇ بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان نوقتا. ئەگەر زىيانكەشلىك چەكتىن بەك ئېشىپ كەتسە، ئەگەر بىرە ئىش چىقسا، ئۇ بەلكى بىر مەيدان ئاپەت بولىشى مۇمكىن.

 ھازىر شەرقى تۈركىستاندا بىر مىلىيون ئەتراپىدا ئۇيغۇر جازالاش لاگېرىدا بولۇپ، خىتاي كومپارتىيسى بۇنى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتاۋاتىدۇ . چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ تەربىيەلەش لاگېرى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى يالغان دەيدۇ .  چۈنكى بۇ يەرگە سولانغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن پىرافىسسورلاردىن سېستراغىچە بار بولۇپ ، يەنە  تېخى 80 ياشلىق ياشانغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن . ئادەمنىڭ ئەقلىدىن ئۆتمەيدىغىنى ئاشۇ پىرافسسورلار ئۇ لاگېردا يەنە  نېمە ئۆگىنىدۇ ؟

 چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نىڭشىيا تۇنگان رايونى ھازىر شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان – ت) چە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئىشلىتىشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ رايۇندا كەڭ كۆلەملىك تەقىپ قىلىشنى ئەمىلىيلەشتۈرگەن. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان خەلق گېزىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەرشارى ۋاقىت گېزىتىدە 24 – ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە « غەرب ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئاخباراتلىرىدا يېقىندىن بېرى دۆلتىمىزنىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) نى تىنچ باشقۇرىشىغا قارىتا زەربە بېرىشنى باشلىدى››  دېدى . بىرقىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى  :  نىڭشياغا ئوخشاش خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسى كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا شىنجاڭ ( شەرقى تۈركىستان -ت ) چە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئەينەن قوللىنىۋاتقان بولۇپ ، مۇسۇلمان ئاممىسىغا قارتىلغان نازارەتنى كۈچەيتكەن ، تارىخ بۇنىڭ بىر نۇمۇسسىزلىق ئىكەنلىنى ئىسپاتلايدۇ دېدى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/china-crackdown-on-uyghur-muslim-20181228/4719638.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گوللاندىيەدىكى يالغۇز كىشىلىك نامايىشتىن نىمىلەرنى ئۆگەندىم؟

سە يانۋار 1 , 2019
ئۆزۈڭ يېمسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقۇر تېنىڭنى. ھەركىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. ئۇيغۇر خەلىق ماقال - تەمسىللىرىدىن

You May Like